ئامېرىكا ھەربىي بازىسى يەنە بىر قېتىم ھۇجۇمغا ئۇچرىدى

ئىراننىڭ قوللىشى ئاستىدىكى گۇرۇپپىلار ئامېرىكانىڭ سۈرىيەدىكى ھەربىي بازىسىغا ئۇچقۇلار بىلەن ھۇجۇم قىلدى.

2097566
ئامېرىكا ھەربىي بازىسى يەنە بىر قېتىم ھۇجۇمغا ئۇچرىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراننىڭ قوللىشى ئاستىدىكى گۇرۇپپىلار سۈرىيەدە فىرات دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغقىدىكى دېيرىزور ۋىلايىتىدە ئامېرىكا ئەسكەرلىرى ئورۇنلاشقان ئۆمەر نېفىت مەشغۇلات رايونى بازىسىغا ئۇچقۇلار بىلەن ھۇجۇم قىلدى.

ئامېرىكا ھۇجۇمغا مۇناسىۋەتلىك ھېچقانداق بايانات ئېلان قىلمىدى.

ئامېرىكا 28-يانۋار (2024) دا سۈرىيە-ئىيوردانىيە چېگراسىدىكى ئامېرىكا بازىسىغا قىلىنغان ھۇجۇمغا جاۋابەن، 3-فېۋرال سۈرىيە ۋە ئىراقتىكى ئىران ئىنقىلابىي مۇھاپىزەتچىلەر ئارمىيەسىنىڭ قۇددۇس كۈچىگە قاراشلىق قوراللىق كۈچلەرنىڭ ئەڭ ئاز دېگەندە 85 نۇقتىسىنىڭ ھاۋادىن بومباردىمان قىلىنغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

سۈرىيەدە بۇ يىل (2024) بېشىدىن تارتىپ ئامېرىكا ئەسكەرلىرى ئورۇنلاشقان بازىلارغا راكېتا ۋە ئۇچقۇلار بىلەن كۆپ قېتىم ھۇجۇم قىلىنغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر