چىلىدىكى ئوت ئاپىتىدە قازا قىلغانلارنىڭ سانى ئاشماقتا

جەنۇبىي ئامېرىكا دۆلىتى چىلىنىڭ ئوتتۇرا ۋە جەنۇبىي قىسمىغا ئېغىر تەسىر كۆرسەتكەن ئورمان ئوت ئاپىتىدە قازا قىلغانلارنىڭ سانى 110 غا يەتتى.

2097552
چىلىدىكى ئوت ئاپىتىدە قازا قىلغانلارنىڭ سانى ئاشماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: چىلى دائىرىلىرى ئوت ئاپىتىنىڭ ئەڭ ئېغىر تەسىرىگە ئۇچرىغان بىر قىسىم رايونلاردا جىددىي ھالەت دائىرىسىنىڭ كېڭەيتىلگەنلىكىنى ۋە قازا قىلغانلار سانىنىڭ110 غا چىققانلىقىنى ئېلان قىلدى.

پىرېزىدېنت گابرىئېل بورىچ شارائىتنى نەزەردە تۇتقاندا، ئوت ئاپىتىدە ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ كۆپىيىشى مۇمكىنلىكىنى، دۈشەنبە ۋە سەيشەنبە (6-7-فېۋرال) كۈنلىرىنى قازا قىلغانلار ئۈچۈن «دۆلەتلىك ماتەم كۈنى» ئېلان قىلغانلىقىنى ئېيتتى.

ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى كارولىنا توھا ئوت ئۆچۈرۈش خادىملىرىنىڭ تەخمىنەن 40 نۇقتىدا ئوتنى كونتروللۇق ئاستىغا ئالغانلىقىنى، 29 نۇقتىدا ئوت ئاپىتىگە قارشى كۈرەشنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى كارولىنا توھا يەنە، بەزى جايلاردا ئوت ئاپىتىنىڭ «قەستەن» پەيدا قىلىنغان بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئويلشىۋاتقانلىقلىرىنى ئېيتقان ئىدى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر