ئۇكرائىنا ئارمىيەسىنىڭ لۇخەنسك رايونىغا قىلغان ھۇجۇمدا 20 كىشى قازا قىلدى
رۇسىيە جىددىي ئىشلار مىنىستىرلىقى ئۇكرائىنا ئارمىيەسىنىڭ لۇخەنسك رايونىغا قارااشلىق لىكيەنسك شەھىرىدە بىر ناۋايخانىدا قىلىنغان ھۇجۇمدا 20 كىشىنىڭ قازا قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.
2097205
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىنىستىرلىقنىڭ باياناتىدا، ھۇجۇمدا يەنە 10 كىشىنىڭ يارىلانغانلىقى ھەمدە خارابىلىك ئاستىدىكى كىشىلەرنى قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.
رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى مارىيا زاھاروۋا ھۇجۇم جەريانىدا ناۋايخانىدا نەچچە ئون پۇقرانىڭ بارلىقىنى بىلدۈرۈپ، بۇ ھەرىكەتنىڭ «تېررورلۇق ھۇجۇمى» ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.
ئۇكرائىنانىڭ دونېتسىك، لۇخەنسك، زاپورىجيا ۋە ھېرسون رايونلىرى رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىننىڭ 2022-يىلى 30-سېنتەبىردە ئىمزالىغان پەرمانى بىلەن قانۇنسىز قوشۇۋىلىنغان ئىدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
گېرمانىيەدە بىر قەھۋەخانىدا پارتلاش يۈز بەردى
گېرمانىيەنىڭ كۆلىن شەھىرىدىكى بىر قەھۋەخانىدا يۈز بەرگەن پارتلاشتا ئىككى كىشى يېنىك يارىلاندى.