چىلىدىكى ئورمان ئوت ئاپىتىدە قازا قىلغانلارنىڭ سانى 51 كە يەتتى

جەنۇبىي ئامېرىكا دۆلىتى چىلىنىڭ ئوتتۇرا ۋە جەنۇبىي قىسمىغا ئېغىر تەسىر كۆرسەتكەن ئورمان ئوت ئاپىتىدە قازا قىلغانلارنىڭ سانى 51 كە يەتتى.

2097235
چىلىدىكى ئورمان ئوت ئاپىتىدە قازا قىلغانلارنىڭ سانى 51 كە يەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: <CNN> قانىلىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، چىلى پىرېزىدېنتى گابرىئېل بورىچ بايانات ئېلان قىلىپ، شارائىتنى نەزەردە تۇتقاندا ئوت ئاپىتىدە قازا قىلغانلار سانىنىڭ كۆپىيىشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرگەن.

پىرېزىدېنت گابرىئېل بورىچ ئوت ئاپىتىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان رايونلارغا ھەربىي قىسىملارنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، ئېھتىياجلىق بارلىق مەنبەلەرنىڭ تەييار ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى كارولىنا توھامۇ ئوت ئۆچۈرۈش خادىملىرىنىڭ تەخمىنەن 40 ئوت ئاپىتىنى كونتروللۇق ئاستىغا ئالغانلىقىنى، 29 ئورمان ئوت ئاپىتىگە قارشى كۈرەشنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى.

چىلى دائىرىلىرى ۋالپارايسو ۋە مارگا مارگا رايونىدا ئورمان ئوت ئاپىتىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىغا دائىر ئۇچۇرلارنى ھەمبەھىرلەپ، قازا قىلغانلار سانىنىڭ 51 كە يەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئالاقىدار تارماقلار ۋالپارايسودىكى ئورمان ئوت ئاپىتىدە تەخمىنەن 1100 ئۆينىڭ زىيانغا ئۇچرىغانلىقىنى ئېيتتى.

چىلى مەتبۇئاتلىرىدا ئېلان قىلىنغان خەۋەرلەردە، ۋالپارايسو شەھىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 20 كىلومىتىر كېلىدىغان پېنۇئېلاس كۆلى تەبىئىي باغچىسىدىمۇ ئوت ئاپىتى يۈز بەرگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

دۆلەتلىك ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تاقابىل تۇرۇش ئىدارىسى (Senapred) تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، كۈچلۈك شامال سەۋەبىدىن ئوتنىڭ تېز تارقالغانلىقى ۋە بىر قىسىم يېزا-بازارلاردا تارقاقلاشتۇرۇش خىزمەتلىرىنىڭ باشلانغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.

پىرېزىدېنت بورىج ئىجتىمائىي ئالاقە تورىدا ئورمان ئوت ئاپىتى سەۋەبىدىن جىددىي ھالەت ئېلان قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى توھامۇ بەزى ئوت ئاپىتىنىڭ «قەستەن» چىقىرىلغان بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئويلىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر