ھاماس: دائىمىي ئۇرۇش توختىتىش ئېلان قىلىنماي تۇرۇپ، ھېچبىر كېلىشىمنى قوبۇل قىلمايمىز

پەلەستىن ئىسلامىي قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى — ھاماسنىڭ سىياسىي بىيۇروسى ئەزاسى ئوسامە ھەمدان پەلەستىندىكى گۇرۇپپىلارنىڭ باشتىن-ئاخىر تەلەپ قىلىپ كېلېۋاتقان مەڭگۈلۈك ئۇرۇش توختىتىش ئېلان قىلىنماي تۇرۇپ، بىرەر كېلىشىمنى قوبۇل قىلمايدىغانلىقىنى بايان قىلدى.

2097076
ھاماس: دائىمىي ئۇرۇش توختىتىش ئېلان قىلىنماي تۇرۇپ، ھېچبىر كېلىشىمنى قوبۇل قىلمايمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھەمدان لىۋاننىڭ LBC قانىلىغا بايانات بېرىپ، غەززە مۇھاسىرىسى بىكار قىلىنماي، مەڭگۈلۈك ئۇرۇش توختىتىش ئېلان قىلىنماي تۇرۇپ، توقۇنۇشلارنى ۋاقىتلىق توختىتىپ تۇرۇشنى مەزمۇن قىلغان تەكلىپلەرنىڭ «قارشىلىق كۆرسەتكۈچى گۇرۇپپىلار تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنىشىنىڭ ھېچبىر يولى» يوقلۇقىنى ئېيتتى.

ھەمدان قويۇپ بېرىلىشى تەلەپ قىلىنغان پەلەستىنلىكلەرنىڭ ئارىسىدا، قايسى ھەرىكەتنىڭ ئەزاسى بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، قارشىلىق كۆرسىتىش پائالىيەتلىرىگە قاتناشقان ياكى رەھبەرلىك قىلغانلىقى ئۈچۈن، ئىسرائىلىيەدە مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان كىشىلەرنىڭ بارلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

بۇ ئارقا كۆرۈنۈشتە، پەلەستىننىڭ فەتىھ ھەرىكىتى رەھبەرلىرىدىن مەرۋان بەرغۇسى بىلەن پەلەستىن خەلق ئازادلىق فىرونتى باش كاتىپى ئەھمەد سائادەتنىڭ ئىسمىنىڭمۇ قويۇپ بېرىلىشى تەلەپ قىلىنغانلار تىزىملىكىدە بارلىقىنى بىلدۈرگەن ھەمدان، ئىسرائىلىيەدە قاماقتا يېتىۋاتقانلارنىڭ قويۇپ بېرىلىشى مەسىلىسىنىڭ «مىللىي دەۋا» ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

قاتار باش مىنىستىرى، قوشۇمچە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مۇھەممەد بىن ئابدۇرراھمان ئال سانى 28-يانۋار ۋاشىنگتوندا بەرگەن باياناتى جەريانىدا، ئامېرىكا، ئىسرائىلىيە، مىسىر ۋە قاتار ۋەكىللىرىنىڭ فىرانسىيە پايتەختى پارىژدا غەززەدە ئۇرۇش توختىتىش ئېلان قىلىش ۋە ئەسىر ئالماشتۇرۇش مەسىلىلىرى توغرىسىدا سۆھبەت ئۆتكۈزگەنلىكىنى بىلدۈرگەنىدى.

ھاماس ھەرىكىتى 30-يانۋار پارىژ يىغىنىنىڭ نەتىجىسىگە مۇناسىۋەتلىك تەكلىپنى تاپشۇرۇپ ئېلىپ مۇزاكىرە قىلغانلىقىنى ۋە قانداق جاۋاب قايتۇرۇپ مەسىلىسىنىڭ مۇزاكىرە قىلىنىۋاتقانلىقىنى ئۇقتۇرغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر