ئىراندا نامەلۇم كىشىلەر ئىككى ساقچىنى ئۆلتۈرۈپ، تۆت ساقچىنى يارىدار قىلدى

ئىراننىڭ فارس ئۆلكىسىدە كىملىكى نامەلۇم قوراللىق كىشىلەرنىڭ بىخەتەرلىك قىسىملىرىغا ئوق چىقىرىشى نەتىجىسىدە، ئىككى ساقچى قازا قىلىپ، تۆت ساقچى يارىلاندى.

2095454
ئىراندا نامەلۇم كىشىلەر ئىككى ساقچىنى ئۆلتۈرۈپ، تۆت ساقچىنى يارىدار قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىران رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى ئىرنا (IRNA( نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، فارس ئۆلكىسىگە قاراشلىق نەيرىز رايونىدا بىر گۇمانلىق ئاپتوموبىلنىڭ ئىچىدىكى قوراللىق كىشىلەر ئاپتوموبىلنى توختاتماقچى بولغان بىخەتەرلىك قىسىملىرىغا قارىتىپ ئوق چىقارغان.

ھۇجۇمدا، ئىككى ساقچى قازا قىلىپ، تۆت ساقچى يارىلانغان.

ھۇجۇمچىلارنىڭ زەھەرلىك چېكىملىك ​​ئەتكەسچىلىرى بولۇشى مۇمكىنلىكى ۋە نەق مەيداندىن قېچىپ كەتكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر