ئىران 4 - فېۋرالدىن باشلاپ 28 دۆلەت پۇقرالىرىغا ۋىزا كەچۈرۈم قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى

ئىران ساياھەتچىلىكنى جانلاندۇرۇش مەقسىتىدە 4 - فېۋرالدىن باشلاپ 28 دۆلەت پۇقرالىرىغا قارىتا ۋىزىنى بىكار قىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

2095665
ئىران 4 - فېۋرالدىن باشلاپ 28 دۆلەت پۇقرالىرىغا ۋىزا كەچۈرۈم قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىران رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى ئىرنا (IRNA( نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، مۇئاۋىن دىپلوماتىيە مىنىستىرى ئەلى رىزا بىگدەلى ئېلان قىلغان باياناتىدا، بەزى دۆلەت پۇقرالىرىنىڭ ساياھەت مەقسىتىدە ئىرانغا كېلىشى ئۈچۈن ۋىزا كەچۈرۈم قىلىش ھەققىدىكى بەلگىلىمىنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئورگانلارغا يوللانغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئەلى رىزا بىگدەلى ۋىزا كەچۈرۈم قىلىشنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستان، قاتار، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى، بەھرەين، ئۆزبېكىستان، تۇنىس، تانزانىيە، ياپونىيە، ھىندونېزىيە، سىنگاپور، بىرازىلىيە، سېربىيە، بوسنىيە-گېرتسېگوۋىنا، بېلارۇسىيە قاتارلىق 28 دۆلەت پۇقرالىرى ئۈچۈن يولغا قويۇلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان.

ئەلى رىزا بىگدەلى كەچۈرۈم قىلىنغان 28 دۆلەتتىن ھىندىستان پۇقرالىرىنىڭمۇ ھاۋا يولى ئارقىلىق ۋىزا ئالماي ئىرانغا كىرەلەيدىغانلىقىنى، ئەمما قۇرۇقلۇق چېگراسىدىن كىرىش ئۈچۈن ۋىزا ئېلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن.

بىگدەلى: «بۇنىڭغا ئاساسەن، ساياھەت مەقسىتىدە ئىرانغا كېلىدىغان بۇ 28 دۆلەت پۇقرالىرى 2024-يىلى 4 - فېۋرالدىن باشلاپ ئىرانغا ساياھەتكە كېلىش ئۈچۈن ۋىزىغا ئېھتىياجى بولمايدۇ» دېگەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر