خۇسىيلار قىزىل دېڭىزدا ئامېرىكا ئۇرۇش پاراخوتىغا زەربە بەرگەنلىكىنى ئېلان قىلدى

يەمەندە ئىراننىڭ قوللىشى ئاستىدىكى خۇسىيلار ئۆزلىرىنىڭ قىزىل دېڭىزدا ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسى ئۇرۇش پاراخوتىغا باشقۇرۇلىدىغان بومبا بىلەن زەربە بەرگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

2095642
خۇسىيلار قىزىل دېڭىزدا ئامېرىكا ئۇرۇش پاراخوتىغا زەربە بەرگەنلىكىنى ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خۇسىيلارنىڭ ھەربىي باياناتچىسى يەھيا سەرى ئېكىس (X( ئادرېسىدا ئېلان قىلغان باياناتىدا، خۇسىيلارنىڭ قىزىل دېڭىزدا ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسىگە قارشى ئېلىپ بارغان ھۇجۇمى ھەققىدە مەلۇمات بەردى.

يەھيا سەرى ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ «USS Gravely» ناملىق قوغلىغۇچى پاراخوتىغا «مۇۋاپىق دېڭىز باشقۇرۇلىدىغان بومبىسى» بىلەن زەربە بەرگەنلىكىنى، بۇ ھۇجۇمنىڭ پەلەستىن خەلقىنى قوللاش، ئامېرىكا ۋە ئەنگلىيەنىڭ يەمەنگە قىلغان ھۇجۇمىغا جاۋاب قايتۇرۇش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ: «يەمەن قوراللىق قىسىملىرى قىزىل دېڭىز ۋە ئومان دېڭىزىدا دۆلىتىمىزگە قارشى ھۇجۇمغا قاتناشقان ئامېرىكا ۋە ئەنگلىيەنىڭ بارلىق ئۇرۇش پاراخوتلىرىنىڭ، ئارمىيەمىزنىڭ ھۇجۇم نىشانى دائىرىسىدە ئىكەنلىكىنى شۇنداقلا دۆلىتىمىز، خەلقىمىز ۋە مىللىتىمىزنىڭ قانۇنلۇق قوغدىنىش ھەق -ھوقۇقى رامكىسىدا ھۇجۇم نىشانى قىلىنىدىغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ» دېدى.

ئۇ يەمەن خەلقىنىڭ پەلەستىن مەسىلىسىگە تۇتقان پوزىتسىيەسى تەرەپكە دىققەتلەرنى تارتىپ: «غەززەگە قىلىنىۋاتقان ھۇجۇم توختىغان ۋە قورشاۋ بېكار قىلىنغىچە يەمەن قوراللىق قىسىملىرى ئىسرائىلىيەنىڭ ئىگىدارچىلىقىدىكى ياكى ئۇنىڭغا چېتىشلىق پاراخوتلارنىڭ ئىشغالىيەت ئاستىدىكى پەلەستىن پورتلىرىغا بېرىشى ۋە مېڭىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى داۋاملاشتۇرىدۇ» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر