ئىسرائىلىيەنىڭ غەززە رايونىغا قىلغان ۋەھشىيانە ھۇجۇمىدا، ئۆلتۈرۈلگەنلەرنىڭ سانى ئاشماقتا

ئىسرائىلىيەنىڭ 7 - ئۆكتەبىردىن بۇيانقى غەززە رايونىغا قىلغان ۋەھشىيانە ھۇجۇمىدا، كەم دېگەندە 11 مىڭ كىچىك بالا ۋە 7 مىڭ 500 ئايالنى قوشقاندا، جەمئىي 26 مىڭ 422 پەلەستىنلىك ئۆلتۈرۈلدى ۋە 65 مىڭ 87 پەلەستىنلىك يارىلاندى.

2094576
ئىسرائىلىيەنىڭ غەززە رايونىغا قىلغان ۋەھشىيانە ھۇجۇمىدا، ئۆلتۈرۈلگەنلەرنىڭ سانى ئاشماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسىرائىلىيەنىڭ ھۇجۇملىرىدا بومباردىمان قىلىنغان بىنالارنىڭ خارابىلىكلىرى ئاستىدا مىڭلىغان كىشىنىڭ جەسىتى بارلىقى بىلدۈرۈلمەكتە، پەلەستىن خەلقى پاناھلانغان دوختۇرخانا ۋە مائارىپ ئورۇنلىرى ھۇجۇم نىشانى قىلىنىپ، ئاممىۋى ئۇل- ئەسلىھەلەر ۋەيران قىلىنماقتا.

ئىسرائىلىيە قىسىملىرىنىڭ غەززە رايونىغا ھاۋادىن، قۇرۇقلۇقتىن ۋە دېڭىزدىن قىلىۋاتقان شىددەتلىك ھۇجۇملىرى باشلانغانلىقىنىڭ 115-كۈنىدە يەنە ئونلىغان پەلەستىنلىك ئۆلتۈرۈلدى ۋە يارىلاندى.

پەلەستىننىڭ رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى ۋافا (WAFA( نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئىسرائىلىيە قىسىملىرىنىڭ ھاۋادىن ۋە قۇرۇقلۇقتىن غەززە شەھىرىنىڭ شەرقىي جەنۇبىدىكى ئەززەيتۇن، غەربىي جەنۇبتىكى تەل ئەلھەۋا مەھەللىلىرىنى قاتتىق بومباردىمان قىلىشى نەتىجىسىدە، نەچچە ئونلىغان پەلەستىنلىك جېنىدىن ئايرىلىپ، نەچچە ئونلىغان پەلەستىنلىك يارىلانغان.

غەززە رايونىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا جايلاشقان نۇسايرات مۇساپىرلار لاگېرىنىڭ غەربىدىكى ئەل مۇتۋى ئائىلىسىنىڭ بومباردىمانىدا، كەم دېگەندە 23 پەلەستىنلىك جېنىدىن ئايرىلدى، نۇرغۇن كىشى يارىلاندى.

ئىسرائىلىيەنىڭ شەھەرنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى ئەل زاۋايىدە رايونىدىكى بىر ئۆيگە قىلغان ھۇجۇمىدا بولسا، 14پەلەستىنلىك جېنىدىن ئايرىلدى، بەزىلىرى يارىلاندى.

ئىسرائىلىيە قىسىملىرى نەچچە ئايدىن بۇيان ھۇجۇم قىلىۋاتقان غەززە رايونىدا يەنە، بىر ژۇرنالىست جېنىدىن ئايرىلدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر