بىر گۇرۇپپا ئىسرائىلىيەلىك ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملىرىنىڭ غەززەگە كىرىشىگە توسقۇنلۇق قىلماقتا

ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇملىرى سەۋەبىدىن ئاچارچىلىققا دۇچ كەلگەن غەززە رايونىغا ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى ئېلىپ ماڭغان ئاپتوموبىللارنىڭ كىرىشىگە توسقۇنلۇق قىلىش ئۈچۈن، بىر گۇرۇپپا ئىسرائىلىيەلىك تەرىپىدىن قىلىنىۋاتقان نامايىش 5 -كۈنىدىمۇ داۋاملاشتى.

2094445
بىر گۇرۇپپا ئىسرائىلىيەلىك ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملىرىنىڭ غەززەگە كىرىشىگە توسقۇنلۇق قىلماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسىرائىلىيە يەرلىك تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەرلىرىگە ئاساسلانغاندا، بىر توپ ئىسرائىلىيەلىك ئۇدا بەش كۈندىن بۇيان غەززەنىڭ شەرقىي جەنۇبىدىكى كېرەم ئەبۇ سالىم چېگرا دەرۋازىسىدا نامايىش ئۆتكۈزۈپ، ب د ت (بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى) نىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمىنى ئېلىپ كەلگەن يۈك ئاپتوموبىلىرىنىڭ غەززەگە كىرىشىگە توسقۇنلۇق قىلماقتا.  تەخمىنەن 2 مىليون 300 مىڭ پەلەستىنلىك ياشايدىغان غەززە رايونى 7 - ئۆكتەبىر (2023) دىن بۇيان ئىسرائىلىيەنىڭ ۋەھشىيانە ھۇجۇملىرىنىڭ ئاستىدا تۇرماقتا.

ئىسرائىلىيەنىڭ قاتتىق بومباردىمانى ۋە ياردەم ئاپتوموبىللىرىنىڭ رايونغا كىرىشىگە توسقۇنلۇق قىلىش سەۋەبىدىن، غەززەدە ياشايدىغان پەلەستىنلىكلەر ئاچارچىلىققا دۇچ كەلمەكتە.

غەززەدىكى ئاچارچىلىق كىرىزىسى، ئەڭ يۇقىرى دەرىجىگە يەتكەن بولسىمۇ، بىر قىسىم ئىسرائىلىيە پۇقرالىرى غەززەگە ياردەملەرنىڭ يوللىنىشىغىمۇ قارشى چىقماقتا.

ئىسرائىلىيەنىڭ 7-ئۆكتەبىردىن بۇيان غەززە رايونىغا قىلغان ۋەھشىيانە ھۇجۇمىدا كەم دېگەندە 11 مىڭ كىچىك بالا ۋە 7 مىڭ 500 ئايالنى قوشقاندا، جەمئىي 26 مىڭ 422 پەلەستىنلىك ئۆلتۈرۈلدى. 65 مىڭ 87  پەلەستىنلىك يارىلاندى. خارابىلىك ئاستىدا يەنە مىڭلىغان كىشىنىڭ جەستى بارلىقى بىلدۈرۈلمەكتە.

پەلەستىن خەلقى پاناھلانغان دوختۇرخانا ۋە مائارىپ ئورۇنلىرىمۇ ھۇجۇمغا ئۇچراپ، ئاممىۋى ئۇل- ئەسلىھەلەر ۋەيران قىلىنماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر