ئىسرائىلىيە قىسىملىرى لىۋانغا قارشى ئۇرۇش مەشىقىنى ئاشۇرغانلىقىنى ئېلان قىلدى

ئىسرائىلىيە قىسىملىرى لىۋانغا قارشى شىمالىي فىرونتتا باتالىيون سەۋىيەسىدە شەھەر ئۇرۇشىغا تەييارلىق قىلىش ۋە ھەقىقىي ئوق بىلەن ئۇرۇش مەشىقىنىڭ سالمىقىنى ئاشۇرغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

2094187
ئىسرائىلىيە قىسىملىرى لىۋانغا قارشى ئۇرۇش مەشىقىنى ئاشۇرغانلىقىنى ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ باياناتىدا، ئۇرۇش تەييارلىقىنىڭ ئالدىنقى ھەپتە شىمالىي رايون قوماندانلىق ئىشتابى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغانلىقى، خەلق ئەسكەرلىرى دەرىجىلىك قىسىملارغا بازا ئەترىتى، توپچى قىسىم ۋە پىيادە ئەسكەرلەرنىڭ  قاتنىشىشى بىلەن جىددىي مەشىق ئېلىپ بېرىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بېنيامىن نېتانياھۇ بىلەن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى يوۋ گاللانت لىۋاننىڭ شىمالىدا ھىزبۇللاھ قىسىملىرىغا قارشى چېگرا ھالقىغان ھۇجۇملارنى ئېلىپ بېرىش توغرىسىدا كۆپ قېتىم بايانات ئېلان قىلغان ئىدى.

ئىسرائىلىيە قىسىملىرى بىلەن ھىزبۇللاھ ئوتتۇرىسىدا 2023-يىلى 8- ئۆكتەبىردىن بۇيان چېگرادا داۋاملىشىۋاتقان  توقۇنۇشلاردا، 30 لىۋان پۇقراسى ۋە 171 ھىزبۇللاھ ئەزاسى شۇنداقلا 6 ئىسرائىلىيە پۇقراسى ۋە 10 ئىسرائىلىيە ئەسكىرى قازا قىلغان ئىدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر