ئىراندا بىر ئۆيدە 9 نەپەر پاكىستان پۇقراسى نامەلۇم كىشىلەر تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلدى

ئىراننىڭ شەرقىي جەنۇبىدىكى پاكىستان چېگراسىغا جايلاشقان سىستان-بالۇچىستان ئۆلكىسىدە بىر ئۆيدە 9 نەپەر پاكىستان پۇقراسى نامەلۇم كىشىلەر تەرىپىدىن قوراللىق ھۇجۇم بىلەن ئۆلتۈرۈلدى.

2094199
ئىراندا بىر ئۆيدە 9 نەپەر پاكىستان پۇقراسى نامەلۇم كىشىلەر تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەر ئىراننىڭ يېرىم رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى «Mehr» تەرىپىدىن ئېلان قىلىندى.

خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، نامەلۇم قوراللىق كىشىلەر سىستان-بالۇچىستان ئۆلكىسىنىڭ سېراۋان رايونىدا بىر ئۆيدە 9 چەتئەل پۇقراسىنى ئۆلتۈرگەن. ھازىرغىچە ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارلىقىنى ھېچكىشى ئۆز ئۈستىگە ئالمىغان.

سىستان-بالۇچىستان مۇئاۋىن ۋالىيسى ئەلى رىزا مەرھەمەتى، «سىركان سەراۋان رايونىدا پاكىستان پۇقرالىرىنىڭ تۇرالغۇسىغا بېسىپ كىرگەن 3 قوراللىق كىشى، ئوق چىقىرىپ، 9 كىشىنى ئۆلتۈردى ۋە 3 كىشىنى يارىدار قىلىپ، نەق مەيداندىن قېچىپ كەتتى» دېدى.

ئەلى رىزا مەرھەمەتى ۋەقەنىڭ تېرورلۇق ھۇجۇمى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، ھۇجۇمدىن كېيىن قېچىپ كەتكەن ھۇجۇم قىلغۇچىلارنىڭ كىملىكىنىڭ ئېنىقلىنىشى ئۈچۈن ساقچى ۋە ئىستىخبارات تارماقلىرى تەرىپىدىن كەڭ كۆلەملىك تەكشۈرۈشنىڭ باشلانغانلىقىنى بىلدۈردى.

پاكىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان ئىلگىرىكى باياناتىدا، 9 پاكىستان پۇقراسىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىگە قارىتا «تېررورلۇق ۋەقەسى» دەپ باھا بېرىپ، تېھران ھۆكۈمىتىدىن ۋەقەنى دەرھال تەكشۈرۈپ، جاۋابكارلارنى تۇتۇشنى تەلەپ قىلغان ئىدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر