ناتونىڭ سوغۇق ئۇرۇشتىن كېيىنكى ئەڭ چوڭ مانېۋىرى باشلاندى

ناتونىڭ سوغۇق ئۇرۇش دەۋرى (1947-1991) دىن كېيىنكى ئەڭ چوڭ مانېۋىرى «2024 تەۋرەنمەس مۇداپىئەچى» باشلاندى.

2093223
ناتونىڭ سوغۇق ئۇرۇشتىن كېيىنكى ئەڭ چوڭ مانېۋىرى باشلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ناتو باش ئىشتابى بايانات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكانىڭ «USS Gunston Hall» ناملىق پاراخوتىنىڭ ۋىرجىنىيە ئىشتاتىدىكى نورفولك (Norfolk) تىن يولغا چىققانلىقىنى ۋە بىر قاتار ھەرىكەتلەردىن كېيىن ئاتلانتىكنىڭ يەنە بىر تەرىپىگە يېتىپ بارىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

مانېۋىر رامكىسىدا، مۇشۇ ئاي (2024-يىل يانۋار) ئىچىدە «HMCS Charlottetown» قوغدىغۇچى پاراخوتىنىڭ كانادانىڭ نوۋا سكوتىيا (Nova Scotia) ئىشتاتىغا قاراشلىق خالىفاكس (Halifax) تىن ياۋروپاغا قاراپ يولغا چىقىدىغانلىقى قەيت قىلىنغان باياناتتا، ئىتتىپاقنىڭ كۈچىنى شىمالىي ئامېرىكادىن ئاتلانتىكنىڭ يەنە بىر تەرىپىگە توشۇپ، ياۋروپا-ئاتلانتىك رايونىنى كۈچەيتىش ئىقتىدارىنى نامايان قىلىدىغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

باياناتتا، ناتوغا ئەزا 31 دۆلەت ۋە نامزات دۆلەت شىۋېتسىيەدىن تەخمىنەن 90 مىڭ ئەسكەر قاتنىشىدىغان مانېۋىرنىڭ، ماي (2024) ئاخىرىغىچە داۋاملىشىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىدىن كېيىنكى ئەڭ چوڭ ناتو مانېۋىرىنىڭ گېرمانىيە، پولشا ۋە بالتىق دېڭىزى دۆلەتلىرىدە ئۆتكۈزۈلۈشى، رۇسىيە بىلەن بولىدىغان ئۇرۇش ئېھتىماللىرىنىڭ سېنارىيەلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقى تەخمىن قىلىنماقتا.

ناتونىڭ سوغۇق ئۇرۇش دەۋرىدە، يەنى 1988-يىلى ئۆتكۈزۈلگەن ئەڭ چوڭ «REFORGER» مانېۋىرىغا،  125 مىڭ ئەسكەر قاتناشتۇرۇلغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر