شىمالىي كورېيە سېرىق دېڭىزغا قارىتىپ چارلىغۇچى باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بەردى

شىمالىي كورېيەنىڭ سېرىق دېڭىزغا قارىتىپ چارلىغۇچى باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بەرگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

2092659
شىمالىي كورېيە سېرىق دېڭىزغا قارىتىپ چارلىغۇچى باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جەنۇبىي كورېيە ئارمىيە باش ئىشتابىنىڭ باياناتىدا، شۇ يەر ۋاقتى ئەتىگەن سائەت 07:00 ئەتراپىدا قويۇپ بېرىلگەن باشقۇرۇلىدىغان بومبىنىڭ شىمالىي كورېيەنىڭ سېنتەبىر (2023) دىن كېيىن سىناق قىلغان تۇنجى چارلىغۇچى باشقۇرۇلىدىغان بومبىسى ئىكەنلىكى ئۇقتۇرۇلدى.

باياناتتا، جەنۇبىي كورېيە ئارمىيەسىنىڭ ھوشيارلىقنى كۈچەيتكەنلىكى تەكىتلىنىپ، شىمالىي كورېيەنىڭ ئىغۋاگەرچىلىكىنى نازارەت قىلىش ئۈچۈن ئامېرىكا بىلەن ھەمكارلىشىپ خىزمەت قىلىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا، قۇرۇقلۇقتىن قويۇپ بېرىلگەنلىكى تەخمىن قىلىنغان ۋە سانى بىلدۈرۈلمىگەن «Hwasal-1» ياكى «Hwasal-2» تىپلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبىنىڭ قىسقا مۇساپىلىق ئەمەسلىكى ئۇقتۇرۇلدى.

شىمالىي كورېيەنىڭ رەسمىي ئاگېنتلىقى (KCNA) نىڭ 19-يانۋار (2024) دىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، شىمالىي كورېيەدە تەتقىق قىلىنىۋاتقان «Haeil-5-23» سۇ ئاستى يادرو قورال سىستېمىسىمۇ سىناق قىلىنغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر