ھاماس ئىسىرائىلىيەنىڭ تەكلىپىنى رەت قىلدى

ھاماس غەززەدە ۋاقىتلىق ئۇرۇش توختىتىشنى ئەمەس، بەلكى ئۇزۇن مۇددەتلىك ۋە ئومۇمىيۈزلۈك ئۇرۇش توختىتىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

2092226
ھاماس ئىسىرائىلىيەنىڭ تەكلىپىنى رەت قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھاماسنىڭ ئاخبارات ئىشلىرى مەسئۇلى ۋەلىد كلانى: «ئاساسلىق شەرتنىڭ ۋاقىتلىق ئۇرۇش توختىتىش ئەمەس، بەلكى ئۇرۇشنى پۈتۈنلەي توختىتىش. ئەسىر ئالماشتۇرۇش، ئۇنىڭدىن كېيىن قۇرۇلۇش ۋە ياردەملەرنى يەتكۈزۈش قاتارلىق مەسىلىلەر ئۈستىدە مۇزاكىرە ئۆتكۈزۈش باشلىنىدۇ» دېدى.

ئۇ ئىسىرائىلىيەنىڭ بۇ ھەقتە تەكلىپ سۇنغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەرلەرنى ئاخبارات ۋاستىلىرىدىن ئوقۇغانلىقىنى، ئەمما ھاماسقا يەتكۈزۈلگەن رەسمىي تەكلىپنىڭ يوقلۇقىنى بىلدۈردى.

ئۇ ئىسىرائىلىيەنىڭ سۇنغانلىقى ئېيتىلىۋاتقان تەكلىپنىڭ، ھاماس ئۈچۈن ئېيتقاندا قوبۇل قىلىش تەرىپىنىڭ يوقلۇقىنى ئەسكەرتىپ، مۇنداق دېدى:

«ھاماس دائىمىي ئۇرۇش توختىتىشنى خالايدۇ، چەكلىك تەكلىپلەرنى رەت قىلىدۇ. ھاماسنىڭ ئاساسلىق شەرتى ئۇرۇشنىڭ ۋاقىتلىق ئەمەس، بەلكى پۈتۈنلەي توختىتىلىشى. ئۇنىڭدىن كېيىن، قۇرۇلۇش ۋە ياردەملەرنىڭ يەتكۈزۈلۈشى قاتارلىق مەسىلىلەر ئۈستىدە مۇزاكىرە ئۆتكۈزۈش باشلىنىدۇ. بىز دائىمىي ۋە ئومۇمىيۈزلۈك ئۇرۇش توختىتىلغاندىن كېيىن، ئەسىر ئالماشتۇرۇش قاتارلىق بەزى مەسىلىلەر ئۈستىدە <سودىمىز> نى تەپسىلىي قىلىمىز.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر