پەلەستىننى قوللىغۇچىلار بىلەن ئىتالىيە ساقچىلىرى ئوتتۇرىسىدا سۈركىلىش يۈز بەردى
ئىتالىيەنىڭ شىمالىدىكى ۋىسېنزا شەھىردىكى بىر يەرمەنكىگە ئىسرائىلىيەلىك ئىشتىراكچىلارنىڭ قاتنىشىشىغا نارازىلىق بىلدۈرمەكچى بولغان پەلەستىننى قوللىغۇچى خەلق ئاممىسى بىلەن ئىتالىيە ساقچىلىرى ئوتتۇرىسىدا سۈركىلىش يۈز بەردى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ۋىسېنزا شەھىرىدە ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قىلىۋاتقان ھۇجۇمىغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ، پەلەستىننى قوللاش نامايىشى ئۆتكۈزگەن تەخمىنەن 500 كىشىلىك گۇرۇپپا شەھەردىكى ئالتۇن يەرمەنكىسىگە قاتناشماقچى بولغان ئىسرائىلىيەلىك ئىشتىراكچىلارغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزدى. ئىتالىيە بىخەتەرلىك قىسىملىرىنىڭ نامايىشقا توسقۇنلۇق قىلىشى بىلەن سۈركىلىش چىقتى.
قوللىرىدا «يەر شارى ئۇرۇشىنى توختىتىڭلار!» ۋە «پەلەستىنگە ئەركىنلىك!» دەپ يېزىلغان لوزىنكىلارنى كۆتۈرۈشكەن نامايىشچىلارنىڭ يەرمەنكە مەيدانىغا بېرىشىغا ساقچىلار يول قويمىغانلىقى سەۋەبىدىن مالىمانلچىلىق يۈز بەردى.
ساقچىلار كالتەك بىلەن نامايىشچىلارغا ھۇجۇم قىلغاندىن كېيىن، نامايىشچىلارمۇ ئېتىلغاق ۋە ئىس-تۈتەك بومبىسى ئېتىپ جاۋاپ قايتۇردى.
ۋەقە جەريانىدا تەخمىنەن 10 غا يېقىن ساقچى يارىلادى. بەش نامايىشچى قولغا ئېلىندى ۋە ئۇلار ھەققىدە جىنايى ئىشلار ئەرزى سۇنۇلدى.
ساقچىلار يۇقىرى بېسىملىق سۇ ئىشلىتىپ نامايىشچىلارنى تارقاقلاشتۇردى.