لاۋروۋ بىلەن شىمالىي كورېيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى پۇتىنغا مەلۇمات بەردى

رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن شىمالىي كورېيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى چو سونخۇي بىلەن كۆرۈشتى.

2089606
لاۋروۋ بىلەن شىمالىي كورېيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى پۇتىنغا مەلۇمات بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە كرېمىل سارىيى پۇتىننىڭ شىمالىي كورېيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى چو سونخۇي بىلەن كۆرۈشكەنلىكى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى.

باياناتتا، كۆرۈشۈشتە كرېمىل سارىيىنىڭ تاشقى سىياسەت مەسلىھەتچىسى يۇرىي ئۇشاكوۋ بىلەن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋنىڭمۇ بىرگە بولغانلىقى قەيت قىلىندى.

بىلدۈرۈلىشىچە، لاۋروۋ بىلەن چو سونخۇي تۈنۈگۈن (16-يانۋار) كى ئۇچرىشىشلىرى توغرىسىدا پۇتىنغا مەلۇمات بەرگەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر