كورېيە يېرىم ئارىلىدا ئۈچ دۆلەت مانېۋىر ئۆتكۈزدى

جەنۇبىي كورېيە، ئامېرىكا ۋە ياپونىيە كورېيە يېرىم ئارىلىنىڭ جەنۇبىدا بىرلەشمە دېڭىز مانېۋىرى ئۆتكۈزدى.

2089774
كورېيە يېرىم ئارىلىدا ئۈچ دۆلەت مانېۋىر ئۆتكۈزدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جەنۇبىي كورېيە ئارمىيە قوماندانلىق ئىشتابى ئۈچ دۆلەتنىڭ كورېيە يېرىم ئارىلىنىڭ جەنۇبىدا بىرلەشمە دېڭىز مانېۋىرى ئۆتكۈزگەنلىكى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى.

باياناتتا، جېجۇ ئارىلى ئەتراپىدا ئۆتكۈزۈلگەن بىرلەشمە دېڭىز مانېۋىرىغا، ئامېرىكانىڭ «USS Carl Vinson» ئاۋىياماتكاسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۈچ دۆلەتنىڭ 9 ئۇرۇش پاراخوتىنىڭ قاتناشقانلىقى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا، مانېۋىرغا قاتناشقان دۆلەتلەرنىڭ «شىمالىي كورېيەنىڭ يادرو، باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە دېڭىز تەھدىتلىرىگە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش» نى مەقسەت قىلغانلىقى، مانېۋىرنىڭ 15-يانۋار باشلانغانلىقى ۋە بۈگۈن (17-يانۋار) ئاخىرلاشقانلىقى قەيت قىلىندى.

شىمالىي كورېيە 15-يانۋار يۇقىرى سۈرئەتتە ۋە قاتتىق يېقىلغۇ بىلەن ئۇچىدىغان ئوق بېشىغا ئىگە ئوتتۇرا مۇساپىلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى سىناق قىلغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

شىمالىي كورېيە رەھبىرى كىم جوڭئۇن جەنۇبىي كورېيەگە «مەڭگۈلۈك دۈشمەن» دەپ ئېنىقلىما بېرىلىشى ئۈچۈن، ئاساسىي قانۇنغا قايتىدىن تۈزۈتۈش كىرگۈزۈشنى چاقىرىق قىلغان ئىدى.

كىم جوڭئۇن جەنۇبىي كورېيە بىلەن ئامېرىكانى ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزۈپ ۋە ئىستراتېگىيەلىك قوراللارنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، كورېيە يېرىم ئارىلىنى ئېھتىمالى بولغان ئۇرۇش رايونىغا ئايلاندۇرۇش بىلەن ئەيىبلەپ، جەنۇبىي كورېيە بىلەن قايتىدىن بىرلىشىش ئۈستىدە ئىزدىنىشنىڭ «مۇمكىن ئەمەسلىكى» نى تەكىتلىگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر