ئىراق ئىراندىكى باش ئەلچىسىنى قايتۇرۇپ كېلىشنى قارار قىلدى

ئىراق ھۆكۈمىتى ئىراننىڭ ئەربىلگە قىلغان ھۇجۇمىدىن كېيىن، تېھراندىكى باش ئەلچىسىنى قايتۇرۇپ كېلىشنى قارار قىلدى.

2089429
ئىراق ئىراندىكى باش ئەلچىسىنى قايتۇرۇپ كېلىشنى قارار قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراق تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى يازما بايانات ئېلان قىلىپ، ئىراننىڭ پۇقرالارنىڭ ئۆلۈمىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئەربىلدىكى ھۇجۇمىغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ، تېھراندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ناسىر ئابدۇلمۇھسىننىڭ مەسلىھەتلىشىش ئۈچۈن باغدادقا قايتىشىنىڭ قارار قىلىنغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

ئىراق تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئىراننىڭ باغدادتىكى ئەلچىخانىسىغىمۇ  ئۇلتىماتوم تاپشۇرغانىدى.

ئىراق كورد رايونلۇق ھۆكۈمىتى بىخەتەرلىك كېڭىشى، ئىران ئىنقىلاب مۇھاپىزەتچىلىرى ئارمىيەسىنىڭ تۈنۈگۈن كېچە نۇرغۇن پۇقرالار ئولتۇراق رايونلىرىغا باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىلارنى ئىشلىتىپ ھۇجۇم قىلىپ، تۆت پۇقرانىڭ ئۆلۈمى، ئالتە پۇقرانىڭ يارىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى ئۇقتۇرغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر