خىتاي تەيۋەندىكى سايلامغا مىنىستىر سەۋىيەسىدە ئىنكاس قايتۇردى

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى: «تەيۋەن ھېچقان دۆلەت بولۇپ باقمىدى. ئۆتمۈشتىمۇ دۆلەت ئەمەس ئىدى، بۇنىڭدىن كېيىنمۇ بولمايدۇ» دېدى.

2088572
خىتاي تەيۋەندىكى سايلامغا مىنىستىر سەۋىيەسىدە ئىنكاس قايتۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى مىسىر پايتەختى قاھىرەدە مىسىر تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سامىھ شۈكرى بىلەن كۆرۈشتى.

ئۇ كۆرۈشۈشتىن كېيىن، ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، تەيۋەننىڭ خىتاينىڭ ئايرىلماس بىر پارچىسى ئىكەنلىكىنى، تەيۋەننىڭ ھېچقانچان مۇستەقىل دۆلەت بولمايدىغانلىقىنى، شۇڭا كېلەچەكتە خىتايغا قايتىپ كېلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئۇ مۇنداق دېدى:

«تەيۋەن ھېچقاچان دۆلەت بولۇپ باقمىدى، ئۆتمۈشتىمۇ دۆلەت ئەمەس ئىدى، بۇنىڭدىن كېيىنمۇ بولمايدۇ.»

تەيۋەندە شەنبە كۈنى (13-يانۋار) پىرېزىدېنتلىق سايلىمى ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، دېموكراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۈش پارتىيەسىنىڭ نامزاتى لەيچىڭ دې سايلامدا ئۇتۇپ چىققان ئىدى. مۇستەقىللىقىنى قوللايدىغان پارتىيەنىڭ يېقىنقى يىللاردىكى خىتاي بىلەن بولغان يىرىكچىلىكى يۇقىرى پەللىگە چىققان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر