ياپونىيەدە ئوتاكە يانار تېغى پارتلىدى
ياپونىيەنىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى كاگوشىما ۋىلايىتىگە قاراشلىق سۇۋانوس ئارىلىغا جايلاشقان ئوتاكە يانار تېغىدا پارتلاش يۈز بەردى.
2088359
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئوتاكە يانار تېغىدا شۇ يەرنىڭ ۋاقتى 00:22 دە پارتلاش يۈز بەرگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.
يانار تاغ ھەرىكىتىدىن ئاگاھلاندۇرۇش سەۋىيەسى ئاممىنىڭ يانار تاغقا يېقىنلاشماسلىقىنى تەۋسىيە قىلىدىغان 3 – دەرىجىگە كۆتۈرۈلدى.
دەسلەپكى ئېنىقلاشلارغا قارىغاندا، ئادەم ئۆلۈش ياكى مال-مۈلۈك زىيانغا ئۇچراش ۋەقەسى كۆرۈلمىدى.
نوپۇسى 100 دىن تۆۋەن بولغان يانار تاغ ئالاھەدىلىكىگە ئىگە سۇۋانوس ئارىلى ياپونىيەنىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى كاگوشىما ۋىلايىتىنىڭ جەنۇبىغا 230 كىلومىتىر كېلىدۇ.