شىمالىي كورېيە ياپونىيە دېڭىزىغا يەنە باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئاتتى

شىمالىي كورېيەنىڭ ياپونىيە دېڭىزى (شەرقىي دېڭىز) غا قارىتىپ باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بەرگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

2088401
شىمالىي كورېيە ياپونىيە دېڭىزىغا يەنە باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئاتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جەنۇبىي كورېيە ئارمىيە باش ئىشتابىنىڭ باياناتىدا، شىمالىي كورېيەنىڭ شۇ يەرنىڭ ۋاقتى سائەت 14:58 دە ياپونىيە دېڭىزىغا قارىتىپ باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بەرگەنلىكى ئۇقتۇرۇلدى.

باياناتتا، بۇنىڭ شىمالىي كورېيەنىڭ 2024-يىلىدا سىناق قىلغان تۇنجى باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىسى ئىكەنلىكى تەكىتلەندى.

ياپونىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى مەسئۇلىمۇ باشقۇرۇلىدىغان بومبىنىڭ ياپونىيە دۆلەتلىك مەخسۇس رايونىنىڭ سىرتىغا چۈشكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

ياپونىيە ھۆكۈمىتى باش ۋەزىرلىكىگە قاراشلىق كرىزىسلەرنى بىر تەرەپ قىلىش ئىشخانىسىدا باشقۇرۇلىدىغان بومبا چۈشكەن رايوندا يۈز بېرىش ئېھتىمالى بولغان زىياننى باھالاش تەتقىقاتى ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ياپونىيە باش ۋەزىرى كىشىدا فۇمىئو مۇخبىرلارغا بەرگەن باياناتىدا، رايوندا ھەرىكەت قىلىۋاتقان ھاۋا ۋە دېڭىز ئېلېمېنتلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش شۇنداقلا كۈتۈلمىگەن ئەھۋاللارغا تەييارلىق قىلىش توغرىسىدا يوليورۇق بەرگەنلىكىنى بىلدۈردى.

شىمالىي كورېيە ئاخىرىقى قېتىم  17 - دېكابىردا قىسقا مۇساپىلىق باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناق قىلغان ۋە 18-دېكابىردا بولسا، قىتئەلەر ئارا باشقۇرۇلىدىغان بومبا «Hwasong-18» نى سىناق قىلغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر