فىرانسىيەدە بامدات نامىزى جەريانىدا جامەگە ئوت قويۇپ بېرىشكە ئۇرۇنۇش ۋەقەسى يۈز بەردى
فىرانسىيەنىڭ فىنستېرې ۋىلايىتىگە قاراشلىق ساينت مارتىن-دېس-چامپس يېزىسىدا بامدات نامىزى ۋاقتىدا جامەگە ئوت قويۇپ بېرىشكە ئۇرۇنۇش ۋەقەسى يۈز بەردى.
2088368
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فىرانسىيە ئىسلام كېڭىشى (CFCM) نىڭ باياناتىدا، 13-دېكابىر (2023) بامدات نامىزى جەريانىدا ساينت مارتىن دېس-چامپستا يۈز بەرگەن جامەگە ئوت قويۇپ بېرىشكە ئۇرۇنۇش جىنايىتى ئەيىبلەندى.
فىرانسىيە ئىسلام كېڭىشى (CFCM) جامە جامائىتىنى ۋە باشقۇرۇش ھەيئىتىنى قوللاپ - قۇۋۋەتلەيدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، فىرانسىيەدىكى بارلىق جامەلەرنى دىققەت قىلىشقا چاقىردى.
فىرانسىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى گېرالد دارمانىنمۇ ئېكس (X( ئادرېسىدا ئېلان قىلغان باياناتىدا، ۋەقەگە قارىتا تەكشۈرۈشنىڭ باشلانغانلىقىنى ۋە فىنستېردىكى مۇسۇلمانلارنى قوللاپ - قۇۋۋەتلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.