ياپونىيەدىكى يەر تەۋرەشتە جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى 200 دىن ئاشتى

ياپونىيەنىڭ غەربىگە جايلاشقان ئىشىكاۋا ئىشتاتى ۋە نوتو يېرىم ئارىلى قىرغاقلىرىدا يۈز بەرگەن يەر تەۋرەشتە جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى 203 كە چىقتى.

2086729
ياپونىيەدىكى يەر تەۋرەشتە جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى 200 دىن ئاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىشىكاۋا ئىشتاتلىق ھۆكۈمىتى بايانات ئېلان قىلىپ، يېڭى يىلنىڭ تۇنجى كۈنلىرىدە يۈز بەرگەن يەر تەۋرەشتە جېنىدىن ئايرىلغانلار سانىنىڭ 203 كە چىققانلىقىنى بىلدۈردى.

باياناتتا، ئوخشىمىغان 22 رايوندا 28 مىڭدىن ئارتۇق كىشىنىڭ تارقاقلاشتۇرۇلغانلىقى، ئىشتاتتا قاتنىشى توختىتىلغان يوللار سەۋەبىدىن 3 مىڭ 300 كىشىنىڭ يوللاردا قاپسېلىپ قالغانلىقى قەيت قىلىندى.

باياناتتا، يەر تەۋرەشتە يارىلانغان 566 كىشىنىڭ ھەر قايسى دوختۇرخانىلاردا داۋالىنىۋاتقانلىقى، يوقاپ كەتكەن 68 كىشىنىڭ ئىز-دېرىكىنى ئېلىش ئۈچۈن تىرىشچانلىقلارنىڭ كۆرسىتىلىۋاتقانلىقى قەيت قىلىندى.

ياپونىيە دۆلەت مۇداپىئە ۋەزىرى كىخارا مىنورۇ 6 مىڭ 300 ئەسكەرنىڭ رايوندا ئىزدەش-قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرىگە قاتناشقانلىقىنى بىلدۈردى.

ياپونىيە مېتېرولوگىيە ئىدارىسى 1-2-3- 4-يانۋار كۈنلىرى ئىشىكاۋانىڭ نوتو يېرىم ئارىلى ۋە قىرغاقلىرىدا، تۆت بالدىن يەتتە بالغىچە بولغان يەر تەۋرەشلەرنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى ئېلان قىلغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر