ب د ت غەززەدىكى مۇخبىرلارنىڭ ئۆلتۈرۈلۈش ۋەقەلىرىنىڭ تەكشۈرۈلۈشىنى تەلەپ قىلدى
ئىسرائىلىيەنىڭ يەكشەنبە كۈنىدىكى پىلانلىق ھۇجۇمىدا ئۆلتۈرۈلگەن ئىككى پەلەستىنلىك مۇخبىرنى قوشقاندا، ئىسرائىلىيە تەرىپىدىن ھازىرغىچە ئۆلتۈرۈلگەن ژۇرنالىستلار سانى 109 كە يەتتى.
2086324
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) ئىسرائىلىيە غەززەدە يەنە ئىككى پەلەستىنلىك ژۇرنالىستنى ئۆلتۈرگەندىن كېيىن، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارنىڭ سانىدىن «قاتتىق ئەندىشە» قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، مەسىلىنىڭ تەكشۈرۈلۈشىنى تەلەپ قىلدى.