پاكىستان ئومان دېڭىزىغا ھەربىي پاراخوت ئورۇنلاشتۇردى

پاكىستان دېڭىز ئارمىيەسى يېقىنقى كۈنلەردە يۈز بېرىۋاتقان «بىخەتەرلىك ۋەقەلىرى» سەۋەبىدىن ئومان دېڭىزىغا ھەربىي پاراخوت ئورۇنلاشتۇردى.

2085675
پاكىستان ئومان دېڭىزىغا ھەربىي پاراخوت ئورۇنلاشتۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پاكىستان دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ ئاممىۋى مۇناسىۋەتلەر ئىشلىرىغا مەسئۇل ئىدارىسى ئېكس (X) بېتىدە بايانات ئېلان قىلىپ، يېقىنقى كۈنلەردە ئومان دېڭىزىدا يۈز بېرىۋاتقان «بىخەتەرلىك ۋەقەلىرى» سەۋەبىدىن، مەزكۇر دېڭىزىدا ھەربىي پاراخوت ئورۇنلاشتۇرغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئومان دېڭىزىدا خەلقئارالىق دېڭىز قاتنىشىنى نازارەت قىلىش ئۈچۈن ھەربىي پاراخوت ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقى ئەسكەرتىلگەن باياناتتا، رايوندا كەڭ كۆلەملىك ھاۋادىن نازارەت قىلىش ئىشلىرىنىڭمۇ قىلىنىۋاتقانلىقى قەيت قىلىندى.

يەمەندىكى ئىران قوللىشى ئاستىدىكى ھۇسىيلار، ئىسىرائىلىيەنىڭ قورشاۋ ئاستىدىكى غەززەگە قىلغان ھۇجۇملىرىغا جاۋابەن بابۇل مەندەب بوغۇزىدا «Unity Explorer» ۋە «Number Nine» ناملىق ئىككى ئىسىرائىلىيە پاراخوتىغا ئۇچقۇ بىلەن ھۇجۇم قىلغان ئىدى.

ئىسىرائىلىيە دېڭىزچىلىق شىركىتى زىم (ZIM) ۋە باشقا خەلقئارالىق شىركەتلەر، ھۇسىيلارنىڭ قىزىل دېڭىزدىكى كۈنسېرى كۆپىيىۋاتقان ھۇجۇملىرى سەۋەبىدىن قىزىل دېڭىز قاتنىشىنى توختاتقانلىقلىرىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنستىرلىقى 6-دېكابىر (2023) يەمەندىكى ھۇسىي كۈچلىرىنىڭ قىزىل دېڭىزدىكى سودا پاراخوتلىرىغا قىلىۋاتقان ھۇجۇملىرى سەۋەبلىك خەلقئارالىق «دېڭىز ھەربىي كۈچى» قۇرۇش ئۈچۈن مۇزاكىرەلەرنىڭ ئۆتكۈزۈلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

18-دېكابىر (2023) «رەفاھنى مۇھاپىزەت قىلىش ھەربىي ھەرىكىتى» نامىدا كۆپ دۆلەت قىسىملىرىدىن تەركىپ تاپقان ھەربىي قىسىمنىڭ قۇرۇلغانلىقى ئېلان قىلىنغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر