مەھمۇت ئابباس پەلەستىن مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلىش ئۈچۈن قاھىرەگە يېتىپ باردى

پەلەستىن دۆلەت رەئىسى مەھمۇت ئابباس ئىسىرائىلىيەنىڭ پەلەستىن زېمىنلىرىدىكى ھۇجۇملىرى ۋە ئۇرۇش توختىتىش ئېھتىماللىقى قاتارلىق مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلىش ئۈچۈن قاھىرەگە يېتىپ باردى.

2085625
مەھمۇت ئابباس پەلەستىن مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلىش ئۈچۈن قاھىرەگە يېتىپ باردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پەلەستىن ۋافا (WAFA) ئاگېنتلىقى مەھمۇت ئابباسنىڭ مىسىر پىرېزىدېنتى ئابدۇلفەتتاھ ئەسسىسىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن قاھىرەنى زىيارەت قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

مەھمۇت ئابباس بىلەن مىسىر پىرېزىدېنتى ئابدۇلفەتتاھ ئەسسىسىنىڭ، «ئىسىرائىلىيەنىڭ پەلەستىنلىكلەرگە قارشى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى دەرھال ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك توختىتىش ئۈچۈن قىلىنىۋاتقان خىزمەتلەر ئۈستىدە مۇزاكىرە ئۆتكۈزىدىغانلىقى» قەيت قىلىندى.

بۇنىڭدىن باشقا، غەززەدىكى ئىنسانىي بالايىئاپەتنى يىڭىش يوللىرى، پەلەستىن خەلقىنى يۇرت-ماكانلىرىدىن قوغلاشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئىسىرائىلىيە كۈچلىرى بىلەن ئاشقۇن يەھۇدىي كۆچمەنلىرىنىڭ غەربىي قىرغاق ۋە قۇددۇستىكى ھۇجۇملىرىنى توختىتىش ئۈچۈن، مىسىر، ئەرەب دۆلەتلىرى شۇنداقلا رايون ھەمدە خەلقئارالىق سەۋىيەدە قىلىنىۋاتقان خىزمەتلەرنىڭ مۇزاكىرە قىلىنىدىغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

خەۋەردە، ئابباس بىلەن سىسىنىڭ قاچان كۆرىشىدىغانلىقىغا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر بېرىلمىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر