ناتو 1000 دانە ۋەتەنپەرۋەر ناملىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا سېتىۋالىدۇ

شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى — ناتو مۇداپىئە ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن 1000 دانە ۋەتەنپەرۋەر ناملىق ھاۋا مۇداپىئە باشقۇرۇلىدىغان بومبىسى سېتىۋېلىشنى پىلانلاۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

2084246
ناتو 1000 دانە ۋەتەنپەرۋەر ناملىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا سېتىۋالىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گېرمانىيە تاراتقۇلىرى ناتو سېتىۋېلىش ئورگىنى — NSPA نى مەنبە قىلغان خەۋەرلىرىدە، 5 مىليارد 500 مىليون دوللار قىممىتىدىكى باشقۇرۇلىدىغان بومبلارنى ئەزا دۆلەتلەرنىڭ بىرلىكتە سېتىۋالىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

سېتىۋېلىنىشى پىلانلىنىۋاتقان «ۋەتەنپەرۋەر» ناملىق باشقۇرۇلىدىغان بومبىلارنىڭ ناتو دۆلەتلىرىنىڭ ئۇكرائىنانى ئۆز زاپىسىدىكىدىنمۇ كۆپ باشقۇرۇلىدىغان بومبا بىلەن تەمىنلىشىگە پۇرسەت يارىتىپ بېرىدىغانلىقى، بۇنىڭ ئۇكرائىنانىڭ زېمىنلىرىنى رۇسىيەنىڭ ھۇجۇملىرىدىن تېخىمۇ ياخشى قوغدىيالايدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

ناتو باش كاتىپى يېنس ستولتېنبېرگمۇ ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ باياناتىنى قىزغىن قارشى ئېلىپ: «بۇ مەبلەغ ئاتلانتىك ئوكيان ھالقىغان مۇداپىئە ھەمكارلىقىنىڭ كۈچىنى ۋە ناتونىڭ خەلقىمىزنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش توغرىسىدىكى ۋەدىسىدە چىڭ تۇرىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر