ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قاراتقان ھۇجۇملىرىدا قازا قىلغان پەلەستىنلىكلەر سانى 22313 كە يەتتى
ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قاراتقان 7-ئۆكتەبىردىن بۇيانقى ھۇجۇملىرىدا ئۆلتۈرۈلگەن پەلەستىنلىكلەر سانى 22313 كە يەتتى.
2083797
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: غەززە سەھىيە مىنىستىرلىقى، ئىسرائىلىيەنىڭ 89 كۈندىن بۇيان داۋاملاشتۇرۇۋاتقان غەززە ھۇجۇملىرى ھەققىدە يازما بايانات ئېلان قىلىپ، ئىسرائىلىيەنىڭ يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدىكى ھۇجۇملىرىدا يەنە 128 پەلەستىنلىكنىڭ قازا قىلغانلىقىنى، 261 پەلەستىنلىكنىڭ يارىلانغانلىقى بىلدۈردى.
باياناتتا، ئىسرائىلىيەنىڭ 7-ئۆكتەبىردىن بۇيان داۋام قىلىۋاتقان ھۇجۇملىرىدا قازا قىلغان پەلەستىنلىكلەر سانىنىڭ 22313 كە، يارىلانغانلار سانىنىڭ 57296 گە يەتكەنلىكى قەيت قىلىندى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
لىۋان ھىزبۇللاھى: ئىسىرائىلىيە پۇشايمان قىلىدۇ
لىۋان ھىزبۇللاھى ئىسىرائىلىيە ھۇجۇم قىلسا «پۇشايمان» قىلىدىغانلىقى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى.