تۈركىيە - پەلەستىن دوستلۇق دوختۇرخانىسىنىڭ مۇدىرى تۈركىيەدىن ياردەم سورىدى

غەززەدىكى بىردىنبىر راك بىمارلىرىنى داۋالاش مەركىزى بولغان تۈركىيە-پەلەستىن دوستلۇق دوختۇرخانىسىنىڭ مۇدىرى سۇبھى سۇكەيك، دوختۇرخانىنى قايتىدىن خىزمەتكە كىرىشتۈرۈش ئۈچۈن، تۈركىيەدىن ياردەم تەلەپ قىلدى.

2083070
تۈركىيە - پەلەستىن دوستلۇق دوختۇرخانىسىنىڭ مۇدىرى تۈركىيەدىن ياردەم سورىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە – پەلەستىن دوستلۇق دوختۇرخانىسىنىڭ مەشغۇلاتلىرى ئىسرائىلىيەنىڭ 7 – ئۆكتەبىردىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان ھۇجۇملىرى ۋە مۇھاسىرىلەر تۈپەيلى توختاپ قالغانىدى. دوختۇرخانا مۇدىرى سۇبھى سۇكەيك تۈركىيەگە چاقىرىق قىلىپ: «دوختۇرخانىنىڭ قايتىدىن خىزمەتكە كىرىشتۈرۈلۈشى ئۈچۈن، بىز قېرىنداش دۆلەت تۈركىيەدىن ياردەم سورايمىز» دېدى.

ئۇ، ئىسرائىلىيەنىڭ قامالى سەۋەبىدىن دوختۇرخانىدىكى راك بىمارلىرىنى داۋالاشتا ئىشلىتىلىدىغان دورىلارنىڭ تۈگەپ كەتكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

سۇكەيك بەزى بىمارلارنىڭ تۈركىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان باشقا دۆلەتلەرگە ئەۋەتىلگەنلىكىنى بايان قىلىپ، تۈركىيە-پەلەستىن دوستلۇق دوختۇرخانىسىنىڭ غەززەدىكى راك بىمارلىرى ئۈچۈن، بىردىنبىر «ئۈمىد ئىشىكى» ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

دوختۇرخانا باشلىقى تۈركىيە ۋە دۇنياغا خىتاب قىلىپ: «بىز بولۇپمۇ قېرىنداش دۆلەت تۈركىيەدىن بىمارلارنىڭ يۆتكىلىشىگە رۇخسەت قىلىنىشىنى ۋە داۋالاشقا ئېھتىياجلىق دورىلار بىلەن تەمىنلىشىنى تەلەپ قىلىمىز» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر