ئىسرائىلىيە غەززەدە يەنە بىر ژۇرنالىستنى ئۆلتۈردى

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى غەززەگە قاراتقان شىددەتلىك ھۇجۇملىرى داۋام قىلىۋاتقان يېقىنقى 84 كۈندە 106 پەلەستىنلىك مۇخبىرنى ئۆلتۈردى.

2082386
ئىسرائىلىيە غەززەدە يەنە بىر ژۇرنالىستنى ئۆلتۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: غەززەدىكى ھۆكۈمەتنىڭ ئاخبارات ئىشخانىسى بايانات ئېلان قىلىپ، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ غەززەنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى ئەننۇسەيرات مۇساپىرلار لاگېرىغا قىلغان ھۇجۇمىدا، يەنە بىر ژۇرنالىستنىڭ قازا قىلغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

باياناتتا، «ئەلقۇدس» قانىلى مۇخبىرى جەبر ئەبۇ ھەدرۇسنىڭ قازا قىلغانلىقى، شۇنداق قىلىپ، 7-ئۆكتەبىردىن بۇيان غەززەدە ھاياتىدىن ئايرىلغان مۇخبىرلار سانىنىڭ 106 كە يەتكەنلىكى قەيت قىلىندى.

مەزكۇر ئىشخانىنىڭ بۇرۇنقى باياناتىدا، ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدە ژۇرنالسىتلارنى «پەلەستىننىڭ نىدالىرىنى جىمىقتۇرۇش، پاكىتلارنى يوشۇرۇش، خەۋەر ۋە ئۇچۇرلارنىڭ رايون ۋە خەلقئارا ئاممىنىڭ قۇلىقىغا يېتىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن» قەستەن ئۆلتۈرۈۋاتقانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر