ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىنىڭ رۇخسىتىسىزلا ئىسرائىلىيەگە قورال سېتىپ بېرىشنى قارار قىلدى

پىرېزىدېنت جو بايدىن ھۆكۈمىتى «جىددى ئەھۋال»لىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كېڭەش پالاتاسى ئەزالىرىنىڭ رۇخسىتىسىزلا ئىككىنچى قېتىم ئىسرائىلىيەگە قورال سېتىشنى قارار قىلدى.

2082377
ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىنىڭ رۇخسىتىسىزلا ئىسرائىلىيەگە قورال سېتىپ بېرىشنى قارار قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بۇ ھەقتە بايانات ئېلان قىلىپ، ئىسرائىلىيەگە 147 مىليون دوللار قىممىتىدە تانكا ۋە زەمبىرەك ئوقى سېتىلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونىي بلىنكېننىڭ كېڭەش پالاتاسىغا «دۆلەت بىخەتەرلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتىگە ھەربىي لازىمەتلىكلەرنىڭ دەرھال ستىپ بېرىلىشىنى تەقەززا قىلىدىغان جىددىي ھالەت»نىڭ مەۋجۇتلۇقى توغرىسىدا تەپسىلىي دوكلات سۇنغانلىقى قەيت قىلىندى.

مىنىستىر ئانتونىي بلىنكېن 9- دېكابىر ئىسرائىلىيەگە قىممىتى 106 مىليون دوللاردىن ئاشىدىغان تانكا ئوقى سېتىپ بېرىش قارارىنى كېڭەش پالاتاسىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئالماستىنلا تەستىقلىغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر