گوللاندىيەدە ئۆسمۈرلەر پەلەستىننى قوللاش يۈرۈشى ئېلىپ باردى
گوللاندىيەنىڭ مەمۇرىي پايتەختى لاھېيدە كىچىك بالىلار ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرى پەلەستىننى قوللاپ، غەززەدە سادىر قىلىنغان جىنايەتلەرنىڭ تەكشۈرۈلۈشىنى تەلەپ قىلىپ، خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسى بىناسىغىچە يۈرۈش قىلدى.
2081684
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: لاھېي پويىز ئىستانسىسىغا يىغىلغان نامايىشچىلار «بالىلار يۈرۈشى» دەپ نام بېرىلگەن پائالىيەتتە، «خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسى ۋەزىپەڭنى ئادا قىل!» ، «پەلەستىنگە ئەركىنلىك!»، «دەريادىن دېڭىزغىچە پەلەستىنگە ئەركىنلىك!» ۋە «ئەمدى ئۇرۇش توختىتىلىشى كېرەك!» دېگەن شوئارلارنى توۋلىدى.
نامايىشچىلار قوللىرىدا «ئۆلتۈرۈلگەن 9 مىڭ پەلەستىنلىك ئۆسمۈر ئۈچۈن ئادالەت تەلەپ قىلىمىز!»، «پەلەستىنگە ئەركىنلىك!»، «بالىلارنى ئۆلتۈرۈشنى توختىتىڭلار!»، «ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى توختىتىڭلار!»، «پەلەستىنلىك بالىلارنى قوغداڭلار!» دەپ يېزىلغان لوزۇنكا ۋە پەلەستىن بايرىقىنى كۆتۈرۈپ يۈرۈش قىلدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
سىلوۋېنىيەمۇ پەلەستىننى ئېتىراپ قىلدى
سىلوۋېنىيە ھۆكۈمىتى پەلەستىن دۆلىتىنى ئېتىراپ قىلىش توغرۇلۇق قارار چىقاردى.