ياپونىيەنىڭ ئايغا قونۇش ئاپتوموبىلى ھەققىدە نەتىجىلىك خەۋەرلەر كەلمەكتە

ياپونىيە ئاۋىياتسىيە ئالەم قاتنىشى ئىدارىسى (JAXA) نىڭ  ئايغا قونۇش ئاپتوموبىلى «SLIM» نىڭ ئاي شارى ئوربىتاسىغا كىرگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

2081210
ياپونىيەنىڭ  ئايغا قونۇش ئاپتوموبىلى ھەققىدە نەتىجىلىك خەۋەرلەر كەلمەكتە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياپونىيە ئاۋىياتسىيە ئالەم قاتنىشى ئىدارىسىنىڭ باياناتىدا، ئاينى تەتقىق قىلىش ئۈچۈن ئەقلىي ئىقتىدارلىق قونۇش ئاپتوموبىلى «SLIM» نىڭ ئالەم بوشلۇقى سەپىرىگە دائىر ئۇچۇرلار يېڭىلاندى.

«ئاي مەرگىنى» دەپمۇ ئىىسم بېرىلگەن «SLIM» نىڭ ھەپتە بېشىدا ئاي ئوربىتاسىغا مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا كىرگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا، «ئوربىتا ئۆزگىرىشى پىلاندىكىدەك ئەمەلگە ئاشتى، تەكشۈرۈش ئەسۋابىدا ھېچقانداق ئالاھىدە ئەھۋال كۆرۈلمىدى» دېيىلدى.

قونۇش ئاپتوموبىلىنىڭ ئايغا قاراپ تۆۋەنلىشىنىڭ 20 - يانۋاردا باشلىنىدىغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر