ئىران، مىسىر ۋە ئىيوردانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى غەززە ۋەزىيىتى توغرىسىدا سۆزلەشتى

ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ھۈسەيىن ئەمىر ئابدۇللاھىيان ئىيوردانىيە ۋە مىسىرلىق مەنسەپداشلىرى بىلەن تېلېفونلىشىپ، ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى ھۇجۇملىرى ۋە رايوندىكى كىرىزىسنى مۇزاكىرە قىلدى.

2080973
ئىران، مىسىر ۋە ئىيوردانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى غەززە ۋەزىيىتى توغرىسىدا سۆزلەشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىيوردانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى يازما بايانات ئېلان قىلىپ، ئابدۇللاھىيان بىلەن ئىيوردانىيەلىك مەنسەپدىشى ئەيمەن سەفەدىنىڭ تېلېفونلىشىپ، ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قاراتقان ھۇجۇملىرىنى توختىتىش ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملەرنى يەتكۈزۈپ بېرىش يولىدىكى تىرىشچانلىقلارنى مۇزاكىرە قىلغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

باياناتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئابدۇللاھىيان ئىيوردانىيە ۋە پادىشاھ ئابدۇللاھ ئىككىنچىنىڭ پەلەستىن مەسىلىسىنى قوللاش يولىدىكى تىرىشچانلىقىغا يۇقىرى باھا بەرگەن.

تېلېفون سۆھبىتى جەريانىدا، سۈرىيە ئارقىلىق ئىيوردانىيەگە قىلىنىۋاتقان زەھەرلىك چېكىملىك ​​ئەتكەسچىلىكى ۋە ئۇنىڭ ئېلىپ كېلىدىغان خەۋپى قاتارلىقلارمۇ مۇھاكىمە قىلىنغان.

سەفەدى ئىيوردانىيەنىڭ زەھەرلىك چېكىملىك ​​ئەتكەسچىلىكىنى دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەھدىت دەپ قارايدىغانلىقىنى ۋە بارلىق تەدبىرلەرنى قوللىنىپ ئۇنى يوقىتىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

ئابدۇللاھىيان يەنە، مىسىرلىق مەنسەپدىشى سەمىھ شۇكرى بىلەن تېلېفون سۆھبىتى ئۆتكۈزدى؛ مىسىر تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى فېيسبۇكتىكى ئادرېسىدا بايانات ئېلان قىلىپ، ئابدۇللاھىيان بىلەن شۇكرىنىڭ تېلېفونلىشىپ، غەززەدىكى ئىنسانپەرۋەرلىك كىرىزىسى ۋە ئۇنى پەسەيتىش ئۈچۈن خەلقئارادا ئىشلىنىۋاتقان خىزمەتلەر، شۇنداقلا ئىككى دۆلەت مەسىلىلىرىنى مۇزاكىرە قىلغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

باياناتتا كۆرسىتىلىشىچە، شۇكرى سۆھبەت جەريانىدا، ئابدۇللاھىيانغا مىسىرنىڭ غەززەدە ئۇرۇش توختىتىش ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى ئېقىمىغا كاپالەتلىك قىلىش يولىدىكى تىرىشچانلىقلىرىنىڭ نەتىجىسى ھەققىدە ئۇچۇر بەرگەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر