ماكرون ئىسرائىلىيە ھۇجۇم نىشانى قىلغان غەززەدىكى كاتولىك چېركاۋ ھەققىدە توختالدى

فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ئېممانۇئېل ماكرون ئىسرائىلىيە ھۇجۇم نىشانى قىلغان غەززەدىكى كاتولىك چېركاۋىنىڭ پاجىئەلىك ئەھۋالىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

2080282
ماكرون ئىسرائىلىيە ھۇجۇم نىشانى قىلغان غەززەدىكى كاتولىك چېركاۋ ھەققىدە توختالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فىرانسىيە ئېلىسې سارىيى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتقا ئاساسلانغاندا، ماكرون خىرىستىيان دۇنياسى تەبرىكلەشكە تەييارلىق قىلىۋاتقان روژدېستۋا بايرىمىدىن ئىلگىرى قۇددۇسنىڭ لاتىن پاترىكى، باش پوپ پىرېباتتىستا پىززاباللا بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشكەن.

سۆھبەتتە، ماكرون 16-دېكابىردا غەززەدىكى مۇقەددەس ئائىلە كاتولىك چېركاۋىغا ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى قىلغان ھۇجۇمدا قازا قىلغان ئىككى خىرىستىيان ئۈچۈن باش پوپ پىززاباللاغا تەزىيە بىلدۈرگەن.

ماكرون ئىسرائىلىيە ئەسلەرلىرى غەززەدە ھۇجۇم نىشانى قىلغان ۋە ھەر خىل دىندىكى يۈزلىگەن پۇقرالار پاناھلانغان مۇقەددەس ئائىلە كاتولىك چېركاۋىدىكى پاجىئەلىك ۋەزىيەتتىن چوڭقۇر ئەندىشە ھېس قىلغانلىقلىرىنى بىلدۈرگەن.

ماكرون فىرانسىيەنىڭ قۇددۇستىكى كونسۇلخانىسى ئارقىلىق خىرىستىيان جامائەتلىرىنى قوغداشتىكى مەسئۇلىيىتى ۋە رولىغا دائىر ۋەدە بېرىپ،  «تارىخى مىراس» دەپ تەسۋىرلىگەن بۇ مەسئۇلىيەتنىڭ خىرىستىيان جامائىتى دۇچ كېلىۋاتقان نۆۋەتتىكى خەتەرلەر ئالدىدا تولۇق ئادا قىلىنىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر