بايېربوك: «پەلەستىنلىكلەر بىخەتەرلىك ئىچىدە ياشىغاندىلا ئىسرائىلىيە بىخەتەر بولىدۇ»

گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئاننالېنا بايېربوك ئىسرائىلىيەنىڭ بىخەتەرلىكى پەقەت پەلەستىنلىكلەر بىخەتەرلىك ئىچىدە ياشىغاندىلا مۇمكىن بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

2080439
بايېربوك: «پەلەستىنلىكلەر بىخەتەرلىك ئىچىدە ياشىغاندىلا ئىسرائىلىيە بىخەتەر بولىدۇ»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاننالېنا بايېربوك «Tagesspiegel» گېزىتىگە بەرگەن باياناتىدا، «ئىسرائىلىيە پەقەت پەلەستىنلىكلەر بىخەتەرلىك ئىچىدە ياشىغاندىلا، ئاندىن بىخەتەر بولالايدۇ. شۇنىڭدەك پەلەستىنلىكلەرمۇ پەقەت ئىسرائىلىيە بىخەتەر بولغادىلا ئاندىن بىخەتەر ياشىيالايدۇ» دېدى.

بايېربوك ئىسرائىلىيە قىسىملىرىنىڭ غەززەدىكى پۇقرالارنى تېخىمۇ ياخشى قوغدىشى ۋە غەززەگە تېخىمۇ كۆپ ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى كىرىشىگە يول قويۇشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

بايېربوك غەززەدىكى يۈزمىڭلىغان كىچىك بالا، ئاياللار ۋە ياشانغانلارنىڭ گويا دوزاخ ھاياتى ياشاۋاتقالىقىنى تەكىتلەپ: «يەيدىغان ھېچنېمىسى يوق، قىشنىڭ باشلىنىشىدا ھېچنېمىلىرى يوق ھالدا خارابىلىقلاردا ئولتۇرماقتا. بارلىق نۇتۇقلىرىمدا مەن بۇ توقۇنۇشنىڭ چوقۇم ئاخىرلىشىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردۈم. ئىسرائىلىيە ۋە پەلەستىننىڭ ئەۋلادلىرى بۇ توقۇنۇشنىڭ ئازابىنى ناھايىتى ئۇزۇندىن بېرى تارتماقتا. ئىككى دۆلەتلىك ھەل قىلىش چارەسىدىن باشقا ھەل قىلىش يولى يوق» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر