گولانى ئەسكەرلىرى غەززەدىن چېكىنگەن

ئىسىرائىلىيە تاراتقۇلىرى گولانى بىرىگادىسىنىڭ زور يوقىتىشلاردىن كېيىن، غەززەدىن ۋاقىتلىق چېكىنگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

2079655
گولانى ئەسكەرلىرى غەززەدىن چېكىنگەن

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسىرائىلىيە 13-قانال تېلېۋىزىيەسى ئىسىرائىلىيە ئارمىيەسىدىكى خىللانغان پىيادە بىرىگادىسى تەركىبىدىكى گولانى ئەسكەرلىرىنىڭ «سەپلىرىنى قايتىدىن تەرتىپكە سېلىش ۋە جانلاندۇرۇش» ئۈچۈن غەززەدىن ئايرىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

ۋاللا (Walla) تور بېتى «گولانى بىرىگادىسىنىڭ  70 كۈندىن ئارتۇق ۋاقىتنى باشتىن كەچۈرۈپ 44 ئەسكىرىنى يوقاتقاندىن كېيىن، بر قانچە كۈنلۈك ئائىلىلىرىنى زىيارەت قىلىش ئۈچۈن غەززەدىن ئايرىلغانلىقى» نى بىلدۈردى.

ئىسىرائىلىيە 12-قانال تېلېۋىزىيەسىمۇ گولانى بىرىگادىسىنىڭ  غەززەنىڭ شەرقىگە جايلاشقان سۇجائىييە مەھەللىسىدە ئوفىتسېر تومېر گرېنبېرگ بىلەن سەككىز ئەسكەر جېنىدىن ئايرىلغان توققۇز كۈنلۈك شىددەتلىك ئۇرۇشتىن كېيىن، غەززەدىن قايتىپ چىققانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە، ئەسكەرلەرنىڭ غەززەگە قايتا كىرىش ئۈچۈن بۇيرۇق كۈتۈۋاتقانلىقى قەيت قىلىندى.

غەززەنىڭ شىمالىي ۋە جەنۇبىدىمۇ ھەربىي ھەرىكەتلەرنى ئېلىپ بېرىۋاتقان پاراشوتچىلار بىرىگادىسىنىڭمۇ غەززەدىن چېكىنگەنلىكى تاراتقۇلاردا خەۋەر قىلىندى.

ئىسىرائىلىيە تاراتقۇلىرى 13-دېكابىر (2023) ھاماسنىڭ ھەربىي قانىتى قاسسام بىرىگادىلىرىنىڭ سۇجائىييە مەھەللىسىدە قۇرغان تۇزىقىدا نۇرغۇن ئەسكەرلەرنىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقىنى خەۋەر قىلغان ئىدى.

ئىسىرائىلىيە ئارمىيەسى تۇزاقتا توققۇز گولانى بىرىگادىسى ئەسكىرىنىڭ جېنىدىن ئايرىلىپ، تۆت ئەسكەرنىڭ ئېغىر يارىلانغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر