ھېرزوگ: «ئىسرائىلىيە يېڭى بىر ئىنسانپەرۋەرلىك نۇقتىسىدىن ۋاقىتلىق ئۇرۇش توختىتىشقا تەييار»

ئىسرائىلىيە پىرېزىدېنتى ئىسھاق ھېرزوگ ئىسرائىلىيەلىك ئەسىرلەرنىڭ قويۇپ بېرىلىشىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، غەززە رايونىدا يېڭى بىر «ئىنسانپەرۋەرلىك نۇقتىسىدىن ۋاقىتلىق ئۇرۇش توختىتىش» قا تەييار ئىكەنلىكلىرىنى بىلدۈردى.

2078750
ھېرزوگ: «ئىسرائىلىيە يېڭى بىر ئىنسانپەرۋەرلىك نۇقتىسىدىن ۋاقىتلىق ئۇرۇش توختىتىشقا تەييار»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسرائىلىيە پىرېزىدېنتى ھېرزوگ ئىسرائىلىيەدىكى چەت ئەل باش ئەلچىلىرى بىلەن كۆرۈشكەن يىغىندا، كۈنتەرتىپتىكى مەسىلىلەر ئۈستىدە توختالدى.

ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇمىدا كۆپىنچىسى ئاياللار ۋە كىچىك بالىلار بولۇپ، جەمئىي 20 مىڭغا يېقىن كىشى ئۆلتۈرۈلگەن غەززەدە خەلق بىلەن ئەمەس، ھاماس بىلەن ئۇرۇش قىلغانلىقىنى ۋە رايونغا ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملەرنىڭ يەتكۈزۈلۈش نىسبىتىنى ئاشۇرۇشقا تىرىشقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

ھېرزوگ يېقىنقى ئىككى ھەپتە ئىچىدە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ۋە باشقا خەلقئارالىق ياردەم تەشكىلاتلىرى ئارقىلىق كۈنىگە 100 دىن 125 كىچە بولغان ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم ئاپتوموبىللىرىنىڭ غەززەگە كىرگەنلىكىنى، بۇ ساننى ئۈچ ھەسسە ئاشۇرۇشقا بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ھېرزوگ ئىسرائىلىيە بىلەن ھاماس ئوتتۇرىسىدا يېڭى ئەسىر ئالماشتۇرۇش كېلىشىمىنىڭ مۇمكىنچىلىكى ھەققىدە توختىلىپ: «مەن ئىسرائىلىيەنىڭ ئەسىرلەرنىڭ قويۇپ بېرىلىشىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن يېڭى بىر ئىنسانپەرۋەرلىك نۇقتىسىدىن ۋاقىتلىق ئۇرۇش توختىتىش ۋە قوشۇمچە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەمگە تەييار ئىكەنلىكىنى قايتا تەكىتلەيمەن» دېدى.

ھېرزوگنىڭ باياناتىدىن كېيىن ھاماس ئۇچۇر ئېلان قىلىپ: «ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇملىرى ئاستىدا ئەسىر ئالماشتۇرۇشنى رەت قىلىمىز، ئەمما ھۇجۇمنى توختىتىش ئۈچۈن ھەر قانداق تەشەببۇسقا ئوچۇقمىز. زىئونىستلارنىڭ تاجاۋۇزچىلىقى توختىمايدىكەن، قەتئىي ھالدا مۇزاكىرە ئۆتكۈزۈلمەيدۇ» دېدى.

ھاماسنىڭ ھەربىي قانىتى قاسسام بىرىگادىلىرى 7 - ئۆكتەبىر (2023) دە ئىسرائىلىيەگە قارشى «ئەقسا توپانى» ناملىق كەڭ كۆلەملىك ھۇجۇم قوزغىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ۋە بۇنىڭغا قارىتا ئىسرائىلىيە قىسىملىرى ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى بىلەن غەززە رايونىنى ۋەھشىلەرچە بومباردىمان قىلىپ، «تۆمۈر قىلىچ ھەرىكىتى» نى باشلىغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى.

كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان ئۇرۇش سەۋەبىدىن 19 مىڭدىن ئارتۇق پەلەستىنلىك پۇقرا جېنىدىن ئايرىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر