ياۋروپا ئىتتىپاقى رۇسىيەگە 12 - ئېمبارگو لايىھەسىنى ماقۇللىدى

ياۋروپا ئىتتىپاقى دۆلەتلىرى رۇسىيەگە ئالماس سودىسىنى چەكلەشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان 12 - ئېمبارگو لايىھەسىنى ماقۇللىدى.

2078255
ياۋروپا ئىتتىپاقى رۇسىيەگە 12 - ئېمبارگو لايىھەسىنى ماقۇللىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپا ئىتتىپاقى كېڭىشى ئەزا دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدا رۇسىيەگە قاراتقان 12 - ئېمبارگو لايىھەسىنىڭ ماقۇللانغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

يېڭى يۈرۈشلۈك پىلانغا ئاساسەن، ياۋروپا ئىتتىپاقى رۇسىيەدىن ئالماسنى بىۋاسىتە ياكى ۋاسىتىلىق ئىمپورت قىلىش، سېتىۋېلىش ياكى يۆتكەشنى چەكلەيدۇ.

بۇ چەكلىمە رۇسىيەدىن كەلگەن ئالماس، رۇسىيەدىن ئېكسپورت قىلىنغان ئالماس، رۇسىيەدىن ئۆتىدىغان ئالماس ۋە ئۈچىنچى دۆلەتتە پىششىقلانغان رۇسىيە ئالماسلىرى ئۈچۈنمۇ كۈچكە ئىگە بولىدۇ.

بىرىكمە ئالماس ۋە ئالماسلار بىلەن ئالماس قېتىلغان زىبۇ-زىننەتلەرنى چەكلەش 1 - يانۋاردىن باشلاپ كۈچكە ئىگە بولىدۇ.

ئۈچىنچى دۆلەتتە پىششىقلاپ ئىشلەنگەن رۇسىيە ئالماسلىرىنى ۋاسىتىلىق ئىمپورت قىلىشنى چەكلەش، جۈملىدىن رۇسىيەدىن كەلگەن ئالماس قېتىلغان زىبۇز-ىننەتلەرگە قويۇلغان چەكلىمە، 2024-يىلى 1-مارتتىن باشلاپ باسقۇچمۇ باسقۇچ يولغا قويۇلىدۇ ۋە 2024-يىلى 1-سېنتەبىردە ئاخىرلىشىدۇ.

بۇ جەرياندا، ماي باھاسىنىڭ مۇقىملاشتۇرۇلۇشىنى قوللاش ۋە بۇنىڭغا خىلاپلىق قىلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن تېخىمۇ قاتتىق ئىجرا قىلىش بەلگىلىمىلىرى يولغا قويىلىدۇ.

ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتى رەئىسى ئۇرسۇلا ۋون دېر لېيېن ئېكس (X( ئادرېسىدىكى يازمىسىدا، 12 - ئېمبارگو پىلانى توغرىسىدىكى كېلىشىمنى مەمنۇنلۇق بىلەن قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ ئۇكرائىنانى قوللاشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقلىرىنى بايان قىلىپ، ئېمبارگوغا خىلاپلىق قىلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن قاتتىق تەدبىرلەرنى يولغا قويغانلىقلىرىنى ۋە ئالماس قاتارلىق تېخىمۇ كۆپ مەھسۇلاتلارغا ئېمبارگو يۈرگۈزۈلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر