كىم جوڭئۇن ئامېرىكاغا تەھدىت سالدى

شىمالىي كورېيە رەھبىرى كىم جوڭئۇن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىغا قارشى «تېخىمۇ ھۇجۇمچى ھەرىكەتلەر» نى ئېلىپ بارىدىغانلىقلىرىنى ئېيتىپ تەھدىت سالدى.

2078430
كىم جوڭئۇن ئامېرىكاغا تەھدىت سالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىمالىي كورېيە مەركىزى خەۋەر ئاگېنتلىقى  — KCNA نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، كىم جوڭئۇن تۈنۈگۈن (18-دېكابىر) شىمالىي كورېيە ئۈچىنچى قېتىملىق سىنىقىنى قىلغان «18-خۇاسوڭ» ناملىق قىتئەلەر ئارا باشقۇرۇلىدىغان بومبىسىنىڭ سىناق قىلىش جەريانىنى كۆزدىن كەچۈرگەن.

بىلدۈرۈلىشىچە، كىم جوڭئۇن «ئەڭ كۈچلۈك ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە ئاساسلىق ھۇجۇمچى قوراللارنىڭ ئىشەنچىلىكى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلانغان سىناقتىن ئىنتايىن مەمنۇنلۇق ھېس قىلغان.»

بۇ سىناقنىڭ ئامېرىكا «خاتا قارار چىقارغان تەقدىردە» دۆلىتىنىڭ قانداق ئىنكاس قايتۇرىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەرگەنلىكىنى تىلغا ئالغان كىم: «دۈشمەنلەرنىڭ بىپەرۋالىق بىلەن مەسئۇلىيەتسىزلەرچە سېلىۋاتقان ھەربىي تەھدىتىنى ھەرگىز تۆۋەن مۆلچەرلىمەستىن، ئۇلارغا تېخىمۇ ھۇجۇمچان خاراكتېرلىك ھەرىكەتلەر ئارقىلىق كۈچلۈك ئىنكاس قايتۇرۇش» نى ئوتتۇرىغا قويغان.

ئامېرىكا چوڭ قۇرۇقلۇقىغا زەربە بېرەلەيدىغان ئىقتىداردا لايىھەلەنگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلۈۋاتقان «18-خۇاسوڭ»، شىمالىي كورېيەنىڭ ئەڭ كۈچلۈك قورالى ھېسابلىنىدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر