ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىستىرى بىلەن باش ئىشتاب باشلىقى ئىسرائىلىيە زىيارىتىنى باشلىدى

ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى لويد ئوستىن بىلەن ئامېرىكا ئارمىيەسى باش ئىشتاب باشلىقى گېنېرال چارلېز بروۋېن ئىسرائىلىيە زىيارىتىنى باشلىدى.

2077950
ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىستىرى بىلەن باش ئىشتاب باشلىقى ئىسرائىلىيە زىيارىتىنى باشلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسرائىلىيە دۆلەتلىك تېلېۋىزىيەسىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكا ئارمىيەسى باش ئىشتاب باشلىقى بروۋىن، ئارقىدىن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ئوستىن ئولتۇرغان ئايروپىلان ئىسرائىلىيەگە يېتىپ بارغان.

خەۋەردە كۆرسىتلىشىچە، ئامېرىكالىق ئىككى ئەمەلدار ئىسرائىلىيەنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك بىخەتەرلىك ئەمەلدارلىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، غەززە ئۇرۇشىغا مۇناسىۋەتلىك ئەڭ يېڭى مەسىلىلەر بىلەن ئوتتۇرا شەرقنىڭ ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلىرىنى مۇزاكىرە قىلىدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر