ئىسرائىلىيە قىسىملىرى غەززەدىكى بەيت لاھيا شەھىرىدىن چېكىندى

ئىسرائىلىيە قىسىملىرى غەززەنىڭ شىمالىغا جايلاشقان بەيت لاھيا شەھىرىگە قاراشلىق قانۇنلۇق بەيت لاھيا رايونىدىن ئارقىلىرىدا نۇرغۇن بىنا خارابىلىكلىرىنى قالدۇرغان ھالدا چېكىندى.

2077419
ئىسرائىلىيە قىسىملىرى غەززەدىكى بەيت لاھيا شەھىرىدىن چېكىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يەرلىك مەنبەلەردىن ئىگىلەنگەن ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا، ئىسرائىلىيە قىسىملىرى 12 - دېكابىردا كامال ئەدۋان دوختۇرخانىسىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان مەزكۇر رايونغا بېسىپ كېرىپ،  رايوندىكى ئۆيلەر، بىنالار، ئۇل ئەسلىھەلەر، مەكتەپلەر، سەھىيە مەركەزلىرى ۋە مەمۇرىي ئورگانلارنى بۇزۇپ چىقىپ، ئارقىدا زور ۋەيرانچىلىق قالدۇرغان.

بايت لاھيا شەھىرىنىڭ شەرقىي جەنۇبىدىكى رايونىدا يېقىنقى ئۈچ كۈندىن بېرى ئىنتېرنېت ۋە باشقا ئالاقە ۋاستىلىرىنى پۈتۈنلەي ئۈزۈپ تاشلىغان.

ئىسرائىلىيە قىسىملىرى يازما باياناتىدا، «7-ئۆكتەبىردىكى ھۇجۇمغا قاتناشقان» دېگەن باھانە بىلەن كامال ئەدۋان دوختۇرخانىسىدىن 90 كىشىنى تۇتقۇن قىلىپ چېكىنگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

باياناتتا، دوختۇرخانىدا نۇرغۇن قورال، مەخپىي ھۆججەت ۋە ئالاقە ئۈسكۈنىلىرىنى قولغا چۈشۈرگەنلىكلىرىنى ئىلگىرى سۈردى.

غەززەنىڭ سەھىيە ئىشلىرى دېرىكتورى مۇنىر ئەل بەرش ئىسرائىلىيە قىسىملىرىنىڭ دوختۇرخانىدىن چىققاندا ئارقىسىدا ئىنسانىيەتكە خىلاپ چوڭ ۋەيرانچىلىق  قالدۇرۇپ چىكىنگەنلىكىنى بىلدۈردى.

مۇنىر ئەل بەرش: «ئىسرائىلىيە قىسىملىرى ئىنتايىن سوغۇق ھاۋادا يارىدارلارنى قەستەن دوختۇرخانىدىن مەجبۇرىي چىقاردى ۋە  تېببىي خادىملارغا ھۇجۇم قىلدى» دېدى.

مۇنىر ئەل بەرش ئىسرائىلىيە قىسىملىرىنىڭ قەستەن دوختۇرخانىنى شۇنداقلا ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى قۇتقۇزۇش ئاپتوموبىللىرىنى ۋەيران قىلغانلىقىنى ئېيتتى.  

پەلەستىن مەتبۇئاتلىرىدىكى خەۋەرلەردە، ئىسرائىلىيەگە تەۋە تۇرتۇش ماشىنىلىرىنىڭ كامال ئەدۋان دوختۇرخانىسىنىڭ ھويلىسىدىكى چېدىرلارنى ئىچىدىكى پۇقرالار بىلەن قوشۇپ بېسىپ ئۆتكەنلىكى ۋە نۇرغۇن كىشىنىڭ ئۆلۈمىگە  سەۋەب بولغانلىقى بىلدۈرۈلگەن ئىدى.

پەلەستىن سەھىيە مىنىستىرلىقى ئىسرائىلىيە قىسىملىرىنىڭ دوختۇرخانىدا ئونلىغان كىشىنى ئۆلتۈرگەنلىكىگە دائىر خەلقئارالىق تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش چاقىرىقى ئېلان قىلغان ئىدى.

ھاماسنىڭ ھەربىي قانىتى قاسسام بىرىگادىسى 7-ئۆكتەبىردە ئىسرائىلىيەگە قارشى «ئاقسا تۇفانى» ناملىق كەڭ - كۆلەملىك ھۇجۇم باشلىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ۋە ئىسرائىلىيە بۇنىڭغا قارىتا ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى بىلەن غەززە رايونىنى بومباردىمان قىلىپ، تۆمۈر قىلىچ ھەرىكىتىنى باشلىغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى.

كۈنسېرى كەسكىنلىشىۋاتقان تۇقۇنۇشتا، كۆپىنچىسى كىچىك بالىلار بولۇپ، تەخمىنەن 19 مىڭ پەلەستىنلىك ئۆلتۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر