نىگېرىيەدە قۇتقۇزۇش ھەرىكىتى داۋامىدا 10 ئادەم ئۆلدى

نىگېرىيەدە دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ تۇتقۇن قىلىنغان قەبىلە باشلىقىنى قۇتقۇزۇش ھەرىكىتى داۋامىدا 10 قوراللىق كىشى ئۆلتۈرۈلدى.

2077143
نىگېرىيەدە قۇتقۇزۇش ھەرىكىتى داۋامىدا 10 ئادەم ئۆلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: نىگېرىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەرلىرىگە قارىغاندا، نىگېرىيە دېڭىز ئارمىيەسى ئەترىتى 11 – دېكابىر دۈشەنبە كۈنى ئاقپابۇيو رايونىدا تۇتقۇن قىلىنغان قەبىلە باشلىقى ئېتىنىن ماۋرىس ئېكپېنيوڭنى قۇتقۇزۇش ھەرىكىتى ئېلىپ بارغان.

خەۋەرلەردە ئەسكەرتىلىشىچە، قۇتقۇزۇش ھەرىكىتى داۋامىدا قەبىلە باشلىقى ئېتىنىن ماۋرىس ئېكپېنيوڭ قۇتقۇزۇۋېلىنغان، 10 قوراللىق كىشى ئۆلتۈرۈلگەن.

قەبىلە باشلىقى ئېكپېنيوڭ سالامەتلىك تەكشۈرۈشىدىن ئۆتۈش ئۈچۈن دوختۇرخانىغا ئەۋەتىگەن.

ئىگىلىنىشىچە، نىگېرىيەدە تۇتقۇن قىلىشنىڭ جازاسى ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنىش بولۇشىغا قارىماي، تۆلەم ئۈچۈن تۇتقۇن قىلىش قىلمىشلىرى دائىم دېگۈدەك يۈز بېرىدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر