ئابدۇللاھىيان بىلەن لاۋروۋ غەززە ۋەزىيىتى توغرىسىدا سۆزلەشتى

ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ھۈسەيىن ئەمىر ئابدۇللاھىيان بىلەن رۇسىيەلىك مەنسەپدىشى سېرگېي لاۋروۋ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى ھەمدە غەززە ۋە غەربىي قىرغاق (ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقى)نىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى توغرىسىدا سۆزلەشتى.

2075504
ئابدۇللاھىيان بىلەن لاۋروۋ غەززە ۋەزىيىتى توغرىسىدا سۆزلەشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئابدۇللاھىيان بىەن لاۋروۋنىڭ تېلېفون سۆھبىتى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلىپ، ئىككى مىنىستىرنىڭ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى بىلەن بىرلىكتە، غەززە ۋە غەربىي قىرغاقنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ھەمدە رايونغا ئالاقىدار مەسىلىلەر توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇرغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

ئىران پىرېزىدېنتى ئىبراھىم رەئىسى بىلەن رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىننىڭ ئۆتكەن ھەپتە موسكۋادا ئۆتكۈزگەن ئۇچرىشىشى جەريانىدا، ئىككى دۆلەت ھەمكارلىقىنىڭ مۇھاكىمە قىلىنغانلىقىنى تىلغا ئالغان ئابدۇللاھىيان، ئىككى دۆلەتنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى ئوتتۇرىسىدىكى كېڭىشىش ۋە ئالاقىنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى.

ئابدۇللاھىيان ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە <ئىنسانپەرۋەرلىك نۇقتىسىدىن غەززەدىكى ئۇرۇشنى دەرھال توختىتىش>نى تەلەپ قىلىپ سۇنۇلغان قارار لايىھەسىنى رەت قىلىشىغا «غەززە خەلقىگە يۈرگۈزۈلۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ داۋاملىشىشىغا يول قويۇش» دەپ باھا بەردى.

ئىرانلىق مىنىستىر ئالاقىدار تەرەپلەرنى ئۇرۇش جىنايەتلىرىنىڭ دەرھال توختىتىلىشى ۋە غەززەگە تېخىمۇ كۆپ ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمىنىڭ ئەۋەتىلىشى ئۈچۈن، ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە چاقىردى.

رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى لاۋروۋمۇ رەئىسى بىلەن پۇتىننىڭ ئۇچرىشىشىنىڭ «ئىنتايىن مۇھىم»لىقىنى تىلغا ئېلىپ، موسكۋانىڭ ئىران – رۇسىيە ھەمكارلىقىدىن مەمنۇن ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

لاۋروۋ غەززەدە ئۇرۇش توختىتىشقا كاپالەتلىك قىلىش، غەززە خەلقىگە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى يەتكۈزۈشنى كۈچەيتىش ۋە مۇستەقىل پەلەستىن دۆلىتىنى قۇرۇش ئۈچۈن، خەلقئارالىق تىرىشچانلىقلارنى داۋاملاشتۇرۇش كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر