غەززەدە ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇملىرىدا ئۆلگەن پەلەستىنلىكلەرنىڭ سانى كۈنسېرى كۆپەيمەكتە

ئىسرائىلىيەنىڭ غەززە رايونىدا داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ھۇجۇملىرىدا جېنىدىن ئايرىلغان پەلەستىنلىكلەرنىڭ سانى 18 مىڭ 205 كە يەتتى.

2075386
غەززەدە ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇملىرىدا ئۆلگەن پەلەستىنلىكلەرنىڭ سانى كۈنسېرى كۆپەيمەكتە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: غەززەدىكى ھۆكۈمەتنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىسرائىلىيەنىڭ 7-ئۆكتەبىر (2023) دىن باشلاپ قورشاۋ ئاستىدىكى غەززە رايونىدا داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ھۇجۇملىرى داۋامىدا، جېنىدىن ئايرىلغان كۆپىنچىسى ئاياللار ۋە بالىلار دىن تەشكىل تاپقان پەلەستىنلىكلەرنىڭ سانى 18 مىڭ 205 كە يەتكەن.

ھاماسنىڭ ھەربىي قانىتى بولغان قەسسام بىرىگادىلىرى 7-ئۆكتەبىر شەنبە كۈنى ئىسرائىلىيەگە قارشى «ئەقسا توپانى» ناملىق كەڭ كۆلەملىك ھۇجۇم قوزغىغانلىقلىرىنى ئېلان قىلغانىدى.

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى بولسا، ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى بىلەن غەززە شەھىرىگە «تۆمۈر قىلىچ ھەرىكىتى» قوزغىغانلىقلىرىنى بىلدۈرگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر