نېتانياھۇ: غەززە ئىسىرائىلىيەنىڭ كونتروللۇقى ئاستىدا قورالسىزلاندۇرۇلۇشى كېرەك

ئىسىرائىلىيە باش مىنىستىرى نېتانتياھۇ غەززەنىڭ «ئۇرۇشتىن كېيىن، خەلقئارالىق جەمئىيەت ئارىلاشماستىن ئىسىرائىلىيەنىڭ كونتروللۇقى ئاستىدا قورالسىزلاندۇرۇلۇشى كېرەكلىكى» نى ئىلگىرى سۈردى.

2073210
نېتانياھۇ: غەززە ئىسىرائىلىيەنىڭ كونتروللۇقى ئاستىدا قورالسىزلاندۇرۇلۇشى كېرەك

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسىرائىلىيە باش مىنىستىرى نېتانتياھۇ ئۇرۇش كابېنتى يىغىنىدىن كېيىن ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، ئىسىرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ غەززەدىكى ئىككىنچى چوڭ شەھەر بولغان خان يۇنۇسنى ۋە جىبالىيانى قورشاۋ ئاستىغا ئالغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ غەززەنىڭ ئىسىرائىلىيەگە ئىككىنچى قېتىم تەھدىت پەيدا قىلالمايدىغانلىقىنى، تېررورلۇقنى قوللاش بىلەن ئەيىبلىنىۋاتقان راماللاھتىكى پەلەستىن ھۆكۈمىتىنىڭ غەززەنى باشقۇرالمايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئۇ: «ئۇرۇشتىن كېيىن غەززە قورالسىزلاندۇرۇلىدۇ. بۇنى قىلالايدىغان بىردىنبىر كۈچ-ئىسىرائىلىيە ئارمىيەسىدۇر. ھېچقانداق خەلقئارالىق كۈچ مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالالمايدۇ. كۆزۈمنى يۇمۇپ بۇنى قوبۇل قىلالمايمەن» دېدى.

ئۇ 365 كىۋادرات كىلومېتىرلىق زېمىندا ياشايدىغان 2.3 مىليون كىشىدىن 1.9 مىليون پەلەستىنلىك يۇرت-ماكانلىرىدىن مەجبۇرىي كۆچۈرۈلگەن پەلەستىندىكى خەلقتىن «ئۇرۇش يوق رايونلارغا كۆچۈش» نى تەلەپ قىلدى.

ئۇ ئىسىرائىلىيە تاراتقۇلىرىدىكى «ئامېرىكانىڭ تېل ئاۋىۋدىن ھۇجۇم قىلىشنى ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە توختىتىشنى تەلەپ قىلدى» دېگەن خەۋەرلەر ئۈستىدە توختىلىپ: «بىزدىن ئۇرۇشنى تېز ئاخىلراشتۇرۇشنى تەلەپ قىلغان دوستلار، بۇنىڭ ئۈچۈن ھاماسنى يوقىتىش ئۈچۈن زور كۈچ ئىشلىتىشىمىز كېرەكلىكىنى بىلىشى كېرەك» دېدى.

ھاماسنىڭ ھەربىي قانىتى بولغان قەسسام بىرىگادىلىرى 7-ئۆكتەبىر شەنبە كۈنى ئىسرائىلىيەگە قارشى «ئەقسا توپانى» ناملىق كەڭ كۆلەملىك ھۇجۇم قوزغىغانلىقلىرىنى ئېلان قىلغانىدى.

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى بولسا، ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى بىلەن غەززە شەھىرىگە «تۆمۈر قىلىچ ھەرىكىتى» قوزغىغانلىقلىرىنى بىلدۈرگەنىدى.

ئىگىلىنىشىچە، ئىسرائىلىيەنىڭ  بارغانسېرى كەسكىنلىشىۋاتقان ھۇجۇملىرى داۋامىدا، كۆپىنچىسى بالىلار بولۇپ، 16 مىڭ 200 دىن ئارتۇق پەلەستىنلىك جېنىدىن ئايرىلغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر