رۇسىيە: ئۇكرائىنانىڭ ھۇجۇملىرىغا تاقابىل تۇردۇق

رۇسىيە قىرىم ۋە ئازاق دېڭىزىدا  ئۇكرائىنانىڭ 40 تىن ئارتۇق ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرى ئارقىلىق قىلغان ھۇجۇملىرىغا تاقابىل تۇرغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

2072706
رۇسىيە: ئۇكرائىنانىڭ ھۇجۇملىرىغا تاقابىل تۇردۇق

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، مۇنداق دېيىلدى:

«بۈگۈن كەچتە كىيېۋ ھاكىمىيىتىنىڭ رۇسىيە فېدېراتسىيەسىنىڭ زېمىنىلىرىغا قارشى ئايروپىلان تىپىدىكى ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرى ئارقىلىق قىلغان تېررورلۇق ھۇجۇملىرىغا تاقابىل تۇرۇلدى.»

باياناتتا مۇنداق دېيىلدى:

«رۇسىيە ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىلىرى قىرىم ۋە ئازاق دېڭىزى ھاۋا تەۋەلىكىدە ئۇكرائىناغا ئائىت 22 ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتىنى پاچاقلاپ تاشلىدى، 13 ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتىنىڭ ھۇجۇملىرىغا تاقابىل تۇردى.»

رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ يەنە بىر باياناتىدا، مۇنداق دېيىلدى:

«شۇ جاي ۋاقتى سائەت 06:00 ئەتراپىدا ئازاق دېڭىزى ھاۋا تەۋەلىكىدە ئۇكرائىنانىڭ ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرىنىڭ ھۇجۇملىرىغا تەكرار تاقابىل تۇرۇلدى. رۇسىيە ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىلىرى ئۇكرائىناغا ئائىت 4 ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتىنى پاچاقلاپ تاشلىدى، 2 ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتىنىڭ ھۇجۇملىرىغا تاقابىل تۇردى.»

رۇسىيە قىرىمنى 2014 – يىلى قانۇنسىز ھالدا بېسىۋالغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر