ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى ھۇجۇملىرىدا ئۆلتۈرۈلگەن پەلەستىنلىكلەرنىڭ سانى ئاشماقتا

ئىسرائىلىيەنىڭ غەززە رايونىدىكى ھۇجۇملىرىدا ئۆلتۈرۈلگەن پەلەستىنلىكلەرنىڭ سانى 15 مىڭ 523 كە يەتتى.

2072028
ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى ھۇجۇملىرىدا ئۆلتۈرۈلگەن پەلەستىنلىكلەرنىڭ سانى ئاشماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: غەززەدىكى سەھىيە مىنىستىرلىقى ئىسىرائىلىيەنىڭ بومباردىمانلىرىدا ئۆلتۈرۈلگەن پەلەستىنلىكلەرسانىنىڭ 361 كىشى ئېشىپ، 15 مىڭ 523 كە يەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ھاماسنىڭ ھەربىي قانىتى قاسىم بىرىگادىلىرى 7 - ئۆكتەبىر (2023) دە ئىسرائىلىيەگە قارشى «ئەقسا توپانى» ناملىق كەڭ كۆلەملىك ھۇجۇم قوزغىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

ئىسرائىلىيەمۇ بۇنىڭغا قارىتا ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى بىلەن غەززەنى ۋەھشىيلەرچە بومباردىمان قىلىپ، «تۆمۈر قىلىچ ھەرىكىتى» نى باشلىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر