نېتانياھۇ ھاماسنى ئەيىبلىدى

ئىسىرائىلىيە باش مىنىستىرلىق ئىشخانىسى غەززە ھۇجۇملىرىنىڭ قايتىدىن باشلانغانلىقى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلىپ، ھاماسنى ئەيىبلىدى.

2071293
نېتانياھۇ ھاماسنى ئەيىبلىدى
gazze cocuk.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسىرائىلىيە باش مىنىستىرلىق ئىشخانىسى ھاماسنى ئەيىبلەپ بايانات ئېلان قىلدى.

باياناتتا، ھاماسنىڭ تەرەپلەر ئوتتۇرىسىدىكى كېلىشىم بويىچە ئىسىرائىلىيەلىك ئايال ئەسىرلەرنى قويۇپ بەرمىگەنلىكى ۋە ئىسىرائىلىيەگە راكېتا ئاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

باياناتتا، باش مىنىستىر نېتانياھۇنىڭ بۇ ھەقتە ئېيتقان تۆۋەندىكى سۆزلىرىگە ئورۇن ئاجرىتىلدى:

«ئۇرۇشنى قايتىدىن باشلاپ، ئىسىرائىلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇرۇش مەقسىتىگە ئەمەل قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلەيمىز. مەقسەت ئىسىرائىلىيەلىك ئەسىرلەرنى قويۇپ بەرگۈزۈش، ھاماسنى يوقىتىش ۋە غەززەنىڭ قايتىدىن ئىسىرائىلىيەگە تەھدىت پەيدا قىلماسلىقىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش.»

ئىسىرائىلىيە ئارمىيەسى غەززەنىڭ مەركىزىدىكى ئەل مېگازى مۇساپىرلار لاگېرىدىكى بىر ئۆينى بومباردىمان قىلدى. ھۇجۇمدا، بىر كىشى جېنىدىن ئايرىلدى، تۆت كىشى يارىلاندى. غەززەنىڭ جەنۇبىدىكى رەفاھ شەھىرىنىڭ مەركىزىدىكى بىر ئۆينىڭ بومباردىمانىدا بولسا، تۆت كىشى جېنىدىن ئايرىلدى، نۇرغۇن كىشى يارىلاندى.

غەززە شەھىرىنىڭ غەربىي شىمالىدىكى ئەنناسىر ۋە رانتىسى دوختۇرخانىلىرى ئەتراپىدا، ئىسىرائىلىيە ئەسكەرلىرى بىلەن پەلەستىنلىك گۇرۇپپىلار ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش يۈز بەردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر